ئۈچ تېلېگراف شىركىتى بۇلتۇر كۈنىگە 380 مىليون يۈەن پۇل تاپقان

مەنبە :سىنا تورى       يوللىغۇچى : ئەلقەم ئەنۋەر       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-21

3-ئاينىڭ 19-كۈنى، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ 2014-يىللىق كەسىپ نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى بىلەن، ئۈچ چوڭ تىجارەت سودىگىرىمۇ بۇلتۇرقى تاپاۋىتىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتى بۇلتۇر كۈنىگە جەمئىي 380 مىليون يۈەن تاپاۋەت قىلغان، تاپاۋەت سەۋىيەسى 2013-يىلىدىكى 410 مىليون يۈەندىن تۆۋەن بولغان، كىرىمنىڭ ئېشىش سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلىغان. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل ئۈچ چوڭ تېلېگراف سودىگىرى دىققىتىنى 4G تورىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا قارىتىدىكەن، ھالبۇكى 4G سېلىنمىسى جەھەتتە، جۇڭگو تېلېگرافى بەكرەك كۈچىمەكتە.

گەرچە ئۈچ چوڭ تېلېگراف شىركىتىنىڭ ساپ پايدا قىممىتى جەھەتتە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ كۆپ بولسىمۇ، لېكىن ساپ پايدىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى جەھەتتە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى باشقا ئىككى شىركەتنىڭ كۆپ ئارقىسىدا ئىكەن. يىللىق دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ساپ پايدىسى بۇلتۇر 109 مىليارد 300 مىليون يۈەنگە يېتىپ، 2013-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.2 تۆۋەنلىگەن. 2014-يىلى، جۇڭگو تېلېگرافىنىڭ ساپ پايدىسى 17 مىليارد 680 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.8 ئاشقان؛ جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشىنىڭ ساپ پايدىسى 12 مىليارد 60 مىليون يۈەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %15.8 ئاشقان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئەنئەنىۋىي ئاۋازلىق ئۇچۇر كەسپى كاساتلاشقان، كۆچمە سانلىق مەلۇمات ئېقىم مىقدارى كەسپى ئاشقان، بۇ ئۈچ پارچە يىللىق دوكلاتتىكى ئورتاق ئەھۋال ئىكەن.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز