شىنجاڭ ئاتلان مائارىپى تور تېخنىكا بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى مەخمۇتجان ئابدۇقېيۇمدىن ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12:00 دە «ئاتلان مائارىپى» ئورگان تور بېكىتى (http://www.atlan.cc) نىڭ يېڭى نەشرى ئېلان قىلىنىدىكەن. شىركەت بۇ تور بېكەتنى ئۆتكۈر بىز يۇمشاق دېتال چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر يىلغا يېقىن ۋاقىت سەرپ قىلىپ لايىھەلەپ چىققان بولۇپ، لايىھە، تېخنىكا ۋە مەزمۇن جەھەتلەردە كۆپلىگەن يېڭىلىقلارنى قوشقان.
مەخمۇتجان ئابدۇقېيۇمنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، يېڭى نەشرىدىكى تور بېكەتكە قوشۇلغان ئەڭ چوڭ يېڭىلىق توردا دەرسكە تىزىملىتىش ۋە توردا ھەق تۆلەش بولۇپ، دەرسكە تىزىملاتقۇچى مەشغۇلاتلارنى توردا تۈگىتىپلا بىۋاسىتە دەرسكە قاتناشسا بولىدىكەن ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئوقۇتقۇچى تەمىنلىگەن ھەر كۈنلۈك دەرسلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشەلەيدىكەن. سىستېما تىزىملاتقۇچىنىڭ تاللىغان دەرسلىرىگە قارىتا ئاپتوماتىك ھالدا دەرس جەدۋىلى چىقىرىپ بېرىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، تور بېكەت مەكتەپنىڭ ئەڭ يېڭى دەرس ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇچۇرلىرى، ئوقۇتقۇچىلار ئۇچۇرلىرى، پائالىيەت ۋە دەرسلەرنىڭ فىلىملىرىنى تەمىنلەپلا قالماي يەنە چەتئەل تىلىدىكى كىنولارنىمۇ تەمىنلەيدىكەن. مەخمۇتجان ئابدۇقېيۇمنىڭ دېيىشىچە، تور بېكەت يان تېلېفونلارغا پۈتۈنلەي ماسلاشتۇرۇلغان بولۇپ، زىيارەتچىلەر يانفوننى ئىشلىتىپلا يۇقىرىقى مەزمۇنلارنى كۆرۈپ، پىكىر-تەكلىپ قالدۇرالايدىكەن ۋە مەسلىھەت سورىيالايدىكەن.