70 يىللىق ئۆي-مۈلۈك ئىشلىتىش ھوقۇقىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن ئۆي كىمگە تەۋە بولىدۇ؟
مۈلۈك ھوقۇقى يەرنىڭ ئىشلىتىش يىل چېكىنى كۆرسىتىدۇ، يەنى يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىنىڭ ۋاقتى 70 يىل. لېكىن 70 يىلدىن كېيىن ئۆي دۆلەت تەرىپىدىن قايتۇرۇۋېلىنمايدۇ، يەر ئىشلىتىش كىنىشكىسىدىكى مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئاپتوماتىك داۋاملىق تىزىملىنىدۇ. يەنى، دۆلەت تۆلەم تۆلەپ ئۆينى قايتۇرۇۋالمايدۇ، ئاپتوماتىك ھالدا ئۆي ئىگىسىنىڭ ئىسمىغا تىزىملىنىدۇ.
ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقىدىكى دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىككى ئىش:
1. مۈلۈك ھوقۇقى ۋاقتى ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى يەر سېتىۋالغاندىن باشلاپ ھېسابلىنىدۇ، سىز ئۆي-مۈلۈك كىنىشكىسى ئالغاندىن تارتىپ ھېسابلانمايدۇ.
مىسالغا ئېلىپ چۈشەندۈرگەندە: ئۆي-مۈلۈك سودىگىرى يەر ئېلىپ قۇرۇلۇش باشلاپ، ئۆي ئىگىسى كۆچۈپ كىرگۈچە بولغان ئارىلىقتىكى بۇ ۋاقىت تەكشى ئەمەس، ئاز دېگەندە 2-3 يىل. يەنە بىر قىسىم ئالاھىدە ئەھۋاللار مەۋجۇت، ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى يەرنى ئالغاندىن كېيىن، ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلى قۇرۇلۇش باشلاش ۋاقتى كەينىگە سۈرۈلسە، ھەتتا نەچچە قېتىم باشقىلارغا ئۆتكۈزۈلۈپ، 10 نەچچە يىلدىن كېيىن ئاندىن قۇرۇلۇش باشلانسا، ئۆي سېتىۋالغۇچىلارنىڭ قولىغا تەگكەندە مۈلۈك ھوقۇقى ۋاقتىنىڭ بىر قىسىمى بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن بولىدۇ.
2. مۈلۈك ھوقۇقىنىڭ ھەممىسى 70 يىللىق ئەمەس، 40 يىللىق مۈلۈك ھوقۇقى قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان قۇرۇلۇش ھېسابلانمايدۇ
قانۇندا مۇنداق بەلگىلەنگەن: تۇرالغۇ ئۆي ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى 70 يىل، سانائەت ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ ۋاقتى 50 يىل؛ مائارىپ، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، سەھىيە، تەنتەربىيە قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ ئىشلىتىش ۋاقتى 50 يىل؛ سودا، ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى 40 يىل؛ ئۇنىۋېرسال ياكى باشقا ئىشلار ئۈچۈن ئىشلىتىلگەن يەرنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى 50 يىل. يەنى 40 يىل ياكى 50 يىللىق مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئۆيلەر قائىدىگە خىلاپ سېلىنغان ئۆي ھېسابلانمايدۇ، نورمال سېتىۋېلىشقا بولىدۇ. لېكىن، ئادەتتە بۇ خىل ئۆيلەرنىڭ سۇ، توك پۇلى سودا ئۆلچىمىدە بولۇپ، ئادەتتىكى پۇقرالار ئىشلىتىدىغان سۇ، توك پۇلىغا قارىغاندا قىممەت بولىدۇ.
3. 70 يىللىق ئىشلىتىش ۋاقتى توشقان ئۆيلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرى
1) ئۆينى داۋاملىق تىزىملاش
2007-يىلىدىكى «نەرسە ھوقۇقى قانۇنى» دا مۇنداق بەلگىلەنگەن: ئولتۇراق ئۆي قۇرۇلۇشى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدىغان يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ھوقۇقى توشقاندىن كېيىن، ئۆي ئاپتوماتىك تىزىملىنىدۇ. بۇنىڭدا ئۆي بىر تۇتاش تىزىملىتىلغاندىن كېيىن كۆپ مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ، چۈنكى شەخسلەرنىڭ نامىدىكى مۇقىم مۈلۈك تىزىملاش ئارقىلىق ئايدىڭلىشىدۇ.
2) داۋاملىق باج يىغىلىدۇ
كەسىپ ئىچىدىكى كىشىلەرنىڭ مۆلچەرىچە: 70 يىلدىن كېيىن ياكى كەلگۈسى نەچچە ئون يىلدىن كېيىن، دۆلەت قانۇن ئارقىلىق ئۆينىڭ مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايدىڭلاشتۇرىدۇ، ئومۇمەن ئۆي سىزگە تەۋە بولىدۇ، لېكىن ئۆيىڭىزنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىگە ئاساسەن باج يىغىلىدۇ.
3) دۆلەت يىغىۋېلىپ تولۇقلىما بېرىدۇ
«مۈلۈك ھوقۇقى قانۇنى» نىڭ ئىزاھاتىغا ئاساسلانغاندا، قۇرۇلۇش ئۈچۈن ئىشلەتكەن يەرنىڭ ئىشلىتىلىش ۋاقتى توشقاندىن كېيىن، ئومۇم مەنپەئەتى ئېھتىياجىغا ئاساسەن يىغىۋېلىنسا، مەزكۇر يەردىكى ئۆي ۋە باشقا مۇقىم مۈلۈككە تولۇقلىما بېرىلىدۇ.