ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز مۇھەممەدئەلى ئەنۋەر خەۋىرى، فوتوسى: لوپ ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى بىلەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە، رادىيو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسى19-مارت ناھىيەلىك تىياتىرخانىدا «زامانىۋى مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، كونا ئۆرپ-ئادەتلەرنى تۈگىتىش، ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش» باش تېمىسىدا دېھقانلار ئىتۇت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزدى. مۇسابىقىدە ناھىيەگە قاراشلىق توققۇز يېزا-بازار ۋە ئىدارە-ئورۇندىن كەلگەن 90 دىن ئارتۇق دېھقان ئارتىس دىنىي ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ۋەتەننىڭ بىرلىكىنى قوغداش، مائارىپ خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىتۇتلارنى ئويناپ، ئاممىنىڭ قەلب ساداسىنى ئەكس ئەتتۈردى.
ئەسلى مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى
http://uy.ts.cn/news/content/2015-03/20/content_408564.htm