مىكروسوفتنىڭ تەلىپىگە ئاساسلانغاندا، Win10 نىڭ سەپلىمە تەلىپى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ، ھەرقانداق بىر كومپيۇتېرغا قاچىلاشقا بولىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. مىكروسوفت نۆۋەتتىكى XP، Win7، Win8/Win8.1 نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق كومپيۇتېرلارغا Win10 نىڭ قاچىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىكەن. قاتتىق دېتال توسالغۇسى ئاساسەن مەۋجۇت ئەمەس بولۇپ، ھالقىلىق مەسىلە ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ Win10 غا بولغان تونۇش دەرىجىسىدە ئىكەن.
ئەڭ تۆۋەن تەلەپلەر تۆۋەندىكىچە، بىر تەرەپ قىلغۇچىسى: 1GHz ياكى بۇنىڭدىنمۇ تېز بولۇشى كېرەك. ئېكران: 600x800 دىن يۇقىرى ئېنىقلىقتا بولۇشى، 64 بىتلىق كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 2 گىگابايت، 32 بىتلىق كومپيۇتېرنىڭ ئىچكى ساقلىغۇچىسى 1GB بولۇشى كېرەك، قاتتىق دىسكا بوشلۇقى 32 بىتلىقنىڭ 16 گىگابايت ، 64 بىتلىقنىڭ 20GB بولۇشى كېرەك. تاختا كومپيۇتېرلاردا توك مەنبە، ئاۋاز كۇنۇپكىلىرى چوقۇم بولۇشى كېرەك. سۈرەت كارتىسى: WDDM قوزغىتىش پىروگراممىسىغا ئىگە MicrosoftDirectX9 سۈرەت ئۈسكۈنىسى بولۇشى كېرەك.