80% خىزمەتچىنىڭ مائاشى ئۆسىدىكەن

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-20

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدە دېيىلىشىچە، دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى خادىم قوبۇل قىلىش مەسلىھەتچىلىك شىركىتى Morgan McKinley تۈنۈگۈن 3-ئاينىڭ 19-كۈنى جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ 2015-يىللىق مائاش كۆرسەتكۈچىنى ئېلان قىلغان، دوكلاتتا دېيىلىشىچە، بۇ يىل %80 تىن ئارتۇق خادىمنىڭ مائاشى ئۆسىدىكەن، زور كۆپ قىسىم كەسىپلەردىكى مائاش ئۆسۈش نىسبىتى تەخمىنەن %6 تىن %8 گىچە بولىدىكەن، لېكىن بۇ خادىملارنىڭ يۆتكىلىش ياكى دەرىجە ئۆستۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.

ئەنگلىيە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاينىڭ 19-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر دوكلات بانكا ۋە پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرى، مالىيە بوغالتىرلىقى، ئۇچۇر تېخنىكا، ئادەم كۈچى بايلىقى، ماركىتىڭ ۋە بازار، يۈرگۈزۈش ۋە تەمىنلەش، داۋالاش ۋە ھاياتلىق پەنلىرى قاتارلىق يەتتە چوڭ كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. دوكلاتتا مۆلچەرلىنىشىچە، بۇ يىل پۇل-مۇئامىلە كەسپىدىكى يېڭى ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى بۇلتۇرقىدىن ئاز بولۇپ، IT ئىختىساسلىقلىرى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قامدىيالمايدىكەن، ئىستېمال بۇيۇملىرى كەسپىدىكى ماركىتىڭ ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان ئېھتىياجمۇ نىسبەتەن يۇقىرى ئىكەن.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز