بۈگۈن 16:50 دە ئۈرۈمچىدە كۈن تۇتۇلۇشنى كۆرگىلى بولىدۇ

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-20

بۈگۈن، 2015-يىلىدىكى دۇنيادىكى بىردىنبىر كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ، كۈننىڭ تولۇق تۇتۇلۇش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 2 مىنۇت ئەتراپىدا داۋاملىشىدۇ. جۇغراپىيەلىك ئورۇن ۋە كۈن تۇتۇلۇش ۋاقتىنىڭ تەسىرىدە، دۆلىتىمىزدە پەقەت شىنجاڭنىڭ شىمالى قىسمىدىلا بۇ ھادىسىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.

ئۈرۈمچىدە، ئۈرۈمچى ۋاقتى 16:50 ئەتراپىدىن 17:37 مىنۇت ئەتراپىغىچە بولغان ۋاقىتتا كۈننىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولۇشى مۇمكىن.

شىنجاڭ ئاسترونومىيە جەمئىيىتىدىكى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شىمالى شىنجاڭدىكى غۇلجا، ئالتاي، بورتالا، چۆچەك، قاراماي، شىخەنزە، سانجى، ئۈرۈمچى شۇنداقلا قومۇل قاتارلىق كۆپ قىسىم رايونلاردا بۇ قېتىملىق كۈننىڭ قىسمەن تۇتۇلۇشىنى كۆرگىلى بولىدىكەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئالتاي قاناس ئەڭ ياخشى كۆزىتىش نۇقتىسى ھېسابلىنىدىكەن.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز