پارما پۇتبول كوماندىسى (Parma Football Club) ئىتالىيە پۇتبولچىلىقىنىڭ شانلىق دەۋرلىرىنىڭ سىمۋولى، لېكىن يېقىندىن بۇيان كۇلۇب مالىيە كىرىزىسىغا دۇچ كېلىپ، ئومۇمىي قەرزى 200 مىليون ياۋرو تەخمىنەن 1 مىليارد 338 مىليون يۈەندىن ئېشىپ كەتكەن. شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئىتالىيە پارما كوماندىسى يەرلىك سوتتا پارما پۇتبول كوماندىسىنىڭ ۋەيران بولغانلىقىنى رەسمىي جاكارلىدى.
شۇ جايدىكى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، پارما پۇتبول كوماندىسى توپ مەيدانىنىڭ توك پۇلى خىراجىتى، ئامانلىق ساقلاش چىقىمى قاتارلىقلارنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشقا ئامالسىز قالغان. كۇلۇب ئەزالىرى ھەتتا نەچچە ئايلىق مائاشىنىمۇ ئالالمىغان، ياشلار كوماندىسىدىكى پۇتبول ئەزالىرى ھەتتا سوغۇق سۇدا يۇيۇنۇشقا مەجبۇر بولغان. ئىتالىيە A دەرىجىلىكلەر بىرلەشمىسىنىڭ تەشەببۇسىغا ئاساسەن، بىرلەشمە مۇسابىقىدىكى كۆپلىگەن كۇلۇبلار پارماغا 5 مىليون ياۋرولۇق قۇتقۇزۇش فوندى تەمىنلەشكە قوشۇلغان، بۇ ئارىلىقتا پارما كوماندىسى ئىككى قېتىم سېتىۋېتىلگەن. لېكىن كۇلۇب يەنىلا قىيىنچىلىق پاتقىقىدىن چىقالمىغان. ھازىرقى كۇلۇب رەئىسى پۇل يۇيۇش جىنايىتى بىلەن قولغا ئېلىنىپ، كۇلۇبنىڭ ئەھۋالىنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋەتكەن.
3-ئاينىڭ 19-كۈنى، پارما يەرلىك سوتتا ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن رەسمىي ھالدا كۇلۇبنىڭ ۋەيران بولغانلىق خەۋىرىنى ئېلان قىلدى. ئەگەر كۇلۇب ۋاقتىدا يېڭى سېتىۋالغۇچى تاپالىسا، كېيىنكى مۇسابىقە پەسلىدە ئىتالىيە B دەرىجىلىكلەر بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتنىشالايدىكەن؛ ئەگەر يېڭى سېتىۋالغۇچى تاپالمىسا، پارما كوماندىسى پەقەت ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئارقىلىق ئىشنى باشتىن باشلاشقا مەجبۇر بولىدىكەن.