CHANEL نىڭ جۇڭگودىكى باھاسى %20 چۈشتى

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-20

«باھاسى ئۆرلەپ تۆۋەنلىمەيدىغان» CHANEL مەھسۇلاتلىرىنىڭ باھاسى چۈشتى. ئىگىلىنىشىچە، ھەشەمەتلىك بۇيۇم ماركىسى CHANEL جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسىنى تۆۋەنلەتكەن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ياۋروپادىكى سېتىلىش باھاسىنى ئۆستۈرگەن، ئۆزگىرىش نىسبىتى %20 بولۇپ، باھاسى تەڭشەلگەندىن كېيىن ئىككى جايدىكى باھا پەرقى %5 تىن ئاشمايدىكەن. CHANEL نىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق تەڭشەش ھەرقايسى بازارلاردىكى باھا پەرقىنى كىچىكلىتىپ، ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش بازىرىغا زەربە بېرىدىكەن. ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، CHANEL نىڭ باھا تۆۋەنلىتىشى پۈتكۈل ھەشەمەتلىك بۇيۇملار كەسپىدە باھا تۆۋەنلىتىش شامىلىنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، 11.12 نۇسخىلىق قول سومكىسىنىڭ جۇڭگودىكى سېتىلىش باھاسى ئىلگىرىكى 38 مىڭ 200 يۈەندىن 30 مىڭ يۈەنگە تۆۋەنلىگەن، ياۋروپادىكى ئۆستۈرۈلگەن باھاغا سېلىشتۇرغاندا، باھا پەرقى 14 مىڭ 700 يۈەندىن 1800 يۈەنگە كىچىكلىگەن؛ le Boy قول سومكىسىنىڭ جۇڭگودىكى باھاسى ئەسلىدىكى 32 مىڭ 700 يۈەندىن 26 مىڭ يۈەنگە تۆۋەنلىتىلگەن بولۇپ، ئىككى جايدىكى باھا پەرقى 1400 يۈەنگە كىچىكلىگەن.

خەۋەرلەردە دېيىلىشىچە، ئۆتكەن 5 يىلدا، CHANEL نىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە ئۆسۈش نىسبىتى %15 تىن ئېشىپ كەتكەن. CHANEL شىركىتىنىڭ دېيىشىچە، بۇ قېتىملىق باھا تەڭشەشتىكى ئاساسلىق سەۋەب، ھەرقايسى بازارلاردىكى باھا پەرقىنى كىچىكلىتىش ئىكەن. يېقىنقى مەزگىللەردىن بۇيان ياۋرو قىممىتىنىڭ تۆۋەنلىشى، جۇڭگو ۋە ياۋروپادىكى باھا پەرقىنىڭ زورىيىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭدىن باشقا، Ras Tan نىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، نۆۋەتتە ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش بازىرى CHANEL ماركىسىغا غايەت زور تەسىر كۆرسەتكەن، بولۇپمۇ ياۋروپا ئىستېمالچىلىرىنىڭ ئۇچرىغان زەربىسى بەك چوڭ بولۇپ كەتكەن. بۇ قېتىملىق باھا تەڭشەش ۋاكالىتەن سېتىۋېلىش بازىرىغا زەربە بېرىپ، خېرىدارلارنىڭ نەپىس ماللار دۇكىنىدىن بىۋاسىتە مال سېتىۋېلىش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز