ياخو شىركىتى قىسقارتقان خادىملار تالاشتا قالدى

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-20

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، ياخو شىركىتى (!Yahoo) بېيجىڭ تەتقىقات مەركىزىنى تاقايدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىم قىسقارتىدىغان خادىملارنىڭ سانى 200 دىن ئارتۇق ئىكەن. قىسقارتىلغان خادىملارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، «N+4» تولۇقلىمىسىغا ئېرىشەلىگەندىن باشقا، ئۇلار يەنە باش شىركەتلەر تەرىپىدىن «تالاشتا قالغان».

ئىگىلىنىشىچە، جىڭدۇڭ (京东)، شياۋمى (小米)، ئامازون (亚马逊)، سوخۇ (搜狐)، ئەيچىيى (爱奇艺)، ئاپتوموبىل ئائىلىسى (汽车之家) ۋە دىدى داچى (滴滴打车) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىنتېرنېت شىركەتلىرى ياخۇنىڭ بېيجىڭدىكى تەتقىقات مەركىزى قىسقارتقان خادىملارنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، ھەتتا بىر قىسىم شىركەتلەر مەخسۇس ئادەم ئاجرىتىپ ياخو بېيجىڭ تەتقىقات بىناسىغا ئەۋەتىپ «خادىم تالاشقان».

ئەھۋالدىن خەۋەردار كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ياخو بېيجىڭ تەتقىقات مەركىزى قىسقارتقان خادىملارنىڭ تالاشتا قېلىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب، ياخو بېيجىڭ تەتقىقات مەركىزىنىڭ خادىم قوبۇل قىلىش ئۆلچىمى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، ئۇنىڭ ئۈستىگە باش ئىشتاب يادرولۇق تېخنىكىسى بېيجىڭغا پۈتۈنلەي ئېچىۋېتىلگەن، ئەترەت خادىملىرى يەنە خەلقئارالىق سەۋىيەدىكى تېخنىكا سۇپىسىدا يېتەرلىك چېنىقىش ۋە ئۆسۈپ يېتىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر مۇھىم سەۋەب، ئىنتېرنېت شىركەتلىرىدە نۆۋەتتە خادىم ناھايىتى كەمچىل ئىكەن.

ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە، ياخو بېيجىڭ تەتقىقات مەركىزى 2009-يىلى 6-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ، يۈرگۈزۈلۈشىگە ئامېرىكا ياخو شىركىتى پۈتۈنلەي ئۆزى مەسئۇل بولغان ئورگان ئىكەن، تۆت چوڭ تەتقىقات نىشانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئىلمىي خاسلاشتۇرۇش، ئېلان، كۆچمە تور ۋە بۇلۇت ھېسابلاش قاتارلىقلار ئىكەن.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز