دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 11-ئايدا قاتاردا باشلىنىدۇ

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-20

3-ئاينىڭ 20-كۈنى، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شۇ يىلى 11-ئايدا باشلىنىدىغانلىقىنى، ئاخىرىقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 12-ئاينىڭ 18-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى رەسمىي قارار قىلدى.

قاتارنىڭ ياز پەسىلى بەك ئىسسىق بولغاچقا، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ۋاقتى ئىزچىل تالاش-تارتىش قىلىنىپ كەلگەن ئىدى، ئالدىنقى ئايدا قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى خىزمەت گۇرۇپپىسى دوھادا يىغىن ئېچىپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىنى قىش پەسلىگە كېچىكتۈردى، ئاخىرىدا يىغىن ۋەكىللىرىنىڭ كۆپ قىسىمى بۇ قارارنى قوللىدى.

بۈگۈن، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى مۇسابىقە ۋاقتىنى جەزملەشتۈرگەن بولۇپ، 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 11-ئايدا باشلىنىدىكەن، ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 12-ئاينىڭ 28-كۈنى ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇ ۋاقىت دەل قاتارنىڭ دۆلەت بايرىمىغا توغرا كېلىدىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، بۇ ۋاقىت يەنە ياۋروپادىكى ئاساسلىق مۇسابىقىلەرنىڭ قىزىغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالىدىغان بولغاچقا، خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ ۋاقتىنى ئەسلىدىكى 32 كۈندىن 28 كۈنگە قىسقارتقان.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز