ئاسىيا كىندىكى تورىدىن ئىگىلىنىشىچە، يېقىندا ئۈرۈمچى شەھىرى شەخسىي بالىلار باغچىلىرىنى تۆۋەن ھەق ئېلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ئۈچۈن مۇكاپات تولۇقلىما پۇلى ئارقىلىق يۆلەش تۈزۈمىنى يولغا قويغان بولۇپ، بۇنىڭدا مۇكاپات تولۇقلىما پۇلى ئىككى تۈرگە ئايرىلىپ تارقىتىلىدىكەن.
بىرىنچىسى، ھەر بىر بالىنىڭ ئايلىق بېقىش تەربىيەلەش ھەققى 500 يۈەندىن تۆۋەن بولغان، ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش تىپىدىكى شەخسىي بالىلار باغچىلىرىغا تولۇقلىما بېرىپ، ھەر بىر بالىنىڭ ئايلىق بېقىش تەربىيەلەش ھەققىنى 600 يۈەنگە يەتكۈزىدىكەن. ئىككىنچىسى، ھەر بىر بالىنىڭ ئايلىق بېقىش تەربىيەلەش ھەققى 600 يۈەندىن تۆۋەن بولغان ئومۇميۈزلۈك ئېتىبار بېرىش تىپىغا كىرمەيدىغان شەخسىي بالىلار باغچىلىرىغا نىسبەتەن ھەر بىر بالىنىڭ ئايلىق بېقىش تەربىيەلەش ھەققىگە 100 يۈەن تولۇقلىما بېرىدىكەن.
مۇكاپات تولۇقلىما پۇلىغا ئېرىشكەن بالىلار باغچىلىرى بۇ پۇللارنى پەقەت يەر ئىجارىسى تۆلەش، ئوقۇتۇش ئۈسكۈنىلىرى سېتىۋېلىش، ئوقۇتقۇچى ۋە ئامانلىق ساقلىغۇچىلارنى تەربىيەلەش ئىشلىرىغىلا ئىشلىتەلەيدىغان بولۇپ، ھەر بىر بالىنى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا 3 ئوقۇش يىلى (بىر ئوقۇش يىلى 10 ئاي) مۇكاپات تولۇقلىما پۇلى بىلەن تەمىنلەيدىكەن.