بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، GREE گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يان تېلېفون ئۈستىدە توختىلىپ «ئەگەر مەن يان تېلېفون ئىشلەپچىقارسام، ئىستېمالچىلارنى 3 يىلغىچە يان تېلېفون ئالماشتۇرغۇزمايمەن» دېگەن. لېكىن بىر ھەپتىلا ئۆتۈپ، بۈگۈن (3-ئاينىڭ 18-كۈنى) GREE يان تېلېفونى بارلىققا كەلدى. جەنۇب شەھەر گېزىتى مۇخبىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئىچكى پىلانغا ئاساسەن، GREE بۇ يىل تېلېفونىنى بازارغا سېلىشى مۇمكىن، لېكىن كونكرېت بولغان رەسمىي ئېلان قىلىش ۋاقتى تېخى ئېنىق ئەمەس.
بېيجىڭدىكى ئىككى يىغىن مەزگىلىدە، GREE باش مۇدىرى چىخۇ 360 شىركىتىنى زىيارەت قىلغان بولۇپ، GREE چىخۇ 360 بىلەن ھەمكارلاشتى دېگەن پەرەزنى قوزغىغان. گېلى يان تېلېفوننى ئۆزى ياسىغانمۇ يوق؟ باھاسى قانچە؟ GREE نىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە-ئېلېكتىر سايمانلىرى سىستېمىسى ئىشلىتىلەمدۇ يوق؟ بۇلارنىڭ جاۋابى تېخى نامەلۇم.