ئۈندىداردا يوللانغان بارلىق مەزمۇنلارنى ئىزدەش قورالى ئېلان قىلىندى

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-20

ئۈرۈمچى ئىلقۇت تور پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى ياسىنجان مەتروزىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىركەت 3-ئاينىڭ 19-كۈنى ئۆزلىرى لايىھەلىگەن ئىلقۇت ئۈندىدار سالون جەۋھەرلىرى سىستېمىسى (http://undidarlar.ilqut.cn) بىلەن يانبىلوگ سىستېمىسى (http://yanbilog.ilqut.cn) نى رەسمىي يوسۇندا سىرتقا ئېچىۋەتكەنلىكىنى ئېلان قىلغان.

ياسىنجان مەتروزىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، تېڭشۈن شىركىتى ئۈندىدار سالونىنى بارلىققا كەلتۈرگەندىن بۇيان نۇرغۇن پايدىلىنىش قىممىتى يۇقىرى مەزمۇنلار سالون ئارقىلىق ئىشلەتكۈچلەرگە يەتكۈزۈلگەن. لېكىن ئۈندىدار سالون سىستېمىسى بېكىنمە ھالەتتە بولغاچقا يوللانغان مەزمۇنلارنى قايتا ئىزدەپ پايدىلىنىش تەسكە توختايدىكەن. گەرچە تېڭشۈن شىركىتى سوگو (搜狗) ئىزدەش موتورى ئارقىلىق ماتېرىياللاردىن قايتا پايدىلىنىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا چىقارغان بولسىمۇ ئەمما بۇ ئۇيغۇر يېزىقتىكى مەزمۇنلار ئۈچۈن ئۈنۈم بەرمەيدىكەن. ئىلقۇت ئۈندىدار سالون جەۋھەرلىرى سىستېمىسى مۇشۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بولۇپ، ئىشلەتكۈچىلەر بۇ سۇپىغا چىقىپ بۇندىن بۇرۇن ئۈندىدار سالونلىرىغا يوللانغان ئۆزىگە كېرەكلىك بولغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى مەزمۇنلارنى تاپالايدىكەن.

ئىلقۇت يانبىلوگ سىستېمىسى ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىنىڭ يان تېلېفون مىكرو تور بېكىتىنى قۇرىدىغان سىستېما بولۇپ، بۇنىڭدا ئىشلەتكۈچىلەر يازما ئېلان قىلىش، ئالبوم قۇرۇش، زېھىن سىناش پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىش، ناخشا ۋە فىلىملەرنى ئېلان قىلىش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا، جەمئىيىتىمىزدىكى كارخانىچىلار ئۈچۈن لايىھەلەنگەن بازار تەكشۈرۈش، مال سېتىش قاتارلىق ئىقتىدارلىرىمۇ يېقىن كەلگۈسىدە ئېلان قىلىنىدىكەن. ياسىنجان مەتروزىنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر بۇ سىستېمىنىڭ wap نۇسخىسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئەپ دېتالىنى بۇ يىل ئىچىدە ئېلان قىلىدىكەن.   

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز