ئۈرۈمچى تورى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، 3-ئاينىڭ 18-كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى «شىنجاڭنى سۆيۈش، يۇرتنى ساياھەت قىلىش» قىش-ئەتىيازلىق ساياھىتىنىڭ تۆمۈر يول چوڭ قاتناش سىناق نۇقتىسى تۈر پىلانىنىڭ لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، تۈرنىڭ ئەمەلىيلىشىش مەزگىلىدە جەمئىي 10 مىڭ كىشىگە تولۇقلىما بېرىلىشى بەلگىلەنگەن ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، تولۇقلىما بېرىلىدىغان ئوبيېكتلار 16 ياشتىن يۇقىرى بولغان كوللېكتىپ ھالدا پويىز ئارقىلىق ئىچكىرىدىن شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەر بولۇپ، تولۇقلىما ئۆلچىمى ھەربىر كىشىگە 200 يۈەن، جەمئىي 200 مىڭ يۈەن، تولۇقلىما پۇلى شىنجاڭ ساياھەت كارتىسى ئارقىلىق تارقىتىلىدىكەن.
تۈردە يەنە كوللېكتىپ ساياھەت لىنىيەسىدە شىنجاڭدىكى A دەرىجىلىك 7 ساياھەت نۇقتىسىدىن ئىككىسىنى چوقۇم ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى ياكى كوللېكتىپ ساياھەت لىنىيەسىدە چوقۇم ئىككى كېچە قونغان بولۇشى لازىم ئىكەن.
تۈرنىڭ ئىجرا قىلىنىشىدا شىنجاڭدىكى رەسمىيەتلىرى تولۇق بولغان ساياھەت كوپىراتىپلىرى،A دەرىجىلىك ساياھەت نۇقتىسى، يۇلتۇز دەرىجىلىك دېھقانلار شادلىقى ئارامگاھى، S دەرىجىلىك قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلار تۈرنىڭ يۈرگۈزۈلۈش نۇقتىسى بولىدىكەن.