ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونى ئالشا يەر باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ چارشەنبە كۈنىدىكى (3-ئاينىڭ 18-كۈنى) خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گېئولوگىيەلىك چارلاش خادىملىرى ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئالشا چېگراسى ئىچىدە زاپاس مىقدارى 100 توننىدىن ئاشىدىغان ئالتۇن كانىنى بايقىغان، بۇ ئالتۇنلار چوڭ تىپتىكى لاۋا سۇيۇقلۇقىدىن ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئالتۇن كانىغا ئايلانغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تەكشۈرۈشىگە ئاساسلانغاندا، كان رايونى 3 كە بۆلۈنىدىغان بولۇپ، 73 يەردە كاللەك رۇدا بارلىقى ئېنىقلانغان. يىلدا 3 توننىدىن ئالتۇن قازغاندا، بۇ كاننى 30 يىل قازغىلى بولىدىكەن.
تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش جەريانىدا، مۇتەخەسسىسلەر كان رايونىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ خىمىيەلىك ئانالىز قىلىش، ماتېرىيال ۋە مۇناسىۋەتلىك رەسىملەرنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئارقىلىق، چارلاش خادىملىرىنىڭ لايىھەدىكى خىزمەت مىقدارىنى تاماملىغان ۋە چارلاشنىڭ سۈپىتى ئۆلچەمگە يەتكەن دەپ قارىغان.
ئالشا ئىچكى موڭغۇلنىڭ ئەڭ غەرب تەرىپىگە جايلاشقان بولۇپ، شىمالى قىسىمى موڭغۇلىيە بىلەن چېگراداش. ئالشا چېگراسى ئىچىدە 80 خىلدىن كۆپ كان بايلىقى بارلىقى تەكشۈرۈپ ئېنىقلانغان.