تېڭشۈننىڭ 2014-يىللىق مالىيە دوكلاتى ئېلان قىلىندى

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-19

تېڭشۈن شىركىتى 3-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە 2014-يىللىق تۆتىنچى پەسىللىك شۇنداقلا بىر يىللىق مالىيە دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. بۇلتۇر 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، تۆتىنچى پەسىللىك تىجارەت كىرىمى 20 مىليارد 978 مىليون يۈەن بولۇپ، %24 ئاشقان؛ بىر يىللىق تىجارەت كىرىمى 78 مىليارد 932 مىليون يۈەن بولۇپ، %31 ئاشقان.

تېڭشۈننىڭ قوشۇلما مۇلازىمەت كىرىمى 2013-يىلى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %44 ئاشقان بولۇپ، 17 مىليارد 137 مىليون يۈەن ئاشقان. ئويۇن ئوينىغۇچىلارنىڭ كۆپىيىشى بىلەن، ئويۇن كەسپىدىكى كىرىم غايەت زور دەرىجىدە ئاشقان. تور ئويۇنى كىرىمى %41 ئېشىپ 11 مىليارد 964 مىليون يۈەنگە يەتكەن، ئومۇمىي قوشۇلما قىممەت كىرىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %70 كە يېتىپلا قالماي، تۆتىنچى پەسىللىك تىجارەت كىرىمىدىكى نىسبىتىمۇ %57 كە يەتكەن. قالغان قىسمى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىدىكى كىرىم بولۇپ، %50 ئېشىپ 5 مىليارد 173 مىليون يۈەنگە يەتكەن.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز