ئابدۇقادىر جالالىددىن نوبېل بالىلار باغچىسىدا ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەيدۇ

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-19

شىنجاڭ نوبېل مائارىپ پەن-تېخنىكا شىركىتىنىڭ لىدېرى ئابدۇراخمان سادىقتىن ئىگىلىنىشىچە، شىركەتنىڭ بىرلەشمە قۇرغۇچىسى ئابدۇقادىر جالالىددىن 3-ئاينىڭ 20-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن سائەت 2 دە نوبېل قوش تىل بالىلار باغچىسىدا «ئائىلە مەدەنىيىتى ۋە بالىلار» دېگەن تېمىدا ھەقسىز لېكسىيە سۆزلەيدىكەن.

ئابدۇراخمان سادىقنىڭ بۇ ھەقتە چۈشەندۈرۈشىچە، ئاتا-ئانىلار تەربىيەسى ئەمەلىيەتتە بالىلار تەربىيەسىنىڭمۇ ئالدىدا تۇرىدىغان بولۇپ، شەرت-شارائىتنىڭ يار بەرمەسلىكى تۈپەيلىدىن جەمئىيىتىمىزدە بۇ جەھەتتىكى تەربىيەلەش يېتەرلىك بولمىغان. شىركەت بۇ جەھەتتە ئاز تولا كۈچ چىقىرىش ئۈچۈن ئاتا-ئانىلار تەربىيەسىنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان لېكسىيەنى ئۆتكەن يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، بۇندىن كېيىنمۇ ئاتا-ئانىلار تەربىيەسى جەھەتتە ئۈنۈم بېرەلەيدىغان مائارىپچىلارنى تەكلىپ قىلىپ، بۇ خىل لېكسىيەنى ھەر ئايدا بىر قېتىم ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغان.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز