دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ ئورگان تور بېكىتىدىن ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدىكى شەخسىي دوختۇرخانىلارنىڭ ھازىرقى تىجارەت ئەھۋالى بىر قەدەر مۇقىم بولۇپ، شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتى تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان 31 شەخسىي دوختۇرخانىنىڭ 2014-يىلىدىكى ئومۇمىي تىجارەت كىرىمى 66 مىليون 805 مىڭ يۈەنگە يېتىپ، ئۆتكەنكى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن%19.2 ئاشقان. لېكىن بۇ دوختۇرخانىلاردا ئورتاق ھالدا مەبلەغ ئوبوروتى ئاستا بولۇش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ۋە جەمئىيەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراشلارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەر مەۋجۇت بولۇپ، بۇ كارخانىچىلارنى «شەخسىي دوختۇرخانىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قىيىن» دېگەن قاراشقا كەلتۈرۈپ قويغان.
شىنجاڭ تەكشۈرۈش باش ئەترىتىنىڭ ئانالىزىغا ئاساسلانغاندا، شىنجاڭدىكى شەخسىي دوختۇرخانىلار تەرەققىي قىلىشتا ئورتاق ھالدا 4 قىيىن مەسىلىگە دۇچ كەلگەن.
1.كۆپ ساندىكى شەخسىي دوختۇرخانىلارنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا بەلگىلىگەن داۋالاش ئورنى قىلىپ بېكىتىلىشى ئىنتايىن تەس بولۇپ، بۇ خىل ئەھۋالدا دوختۇرخانا ئاتچوت قىلىش سوممىسى، تۈر ۋە ئۈسكۈنە سېتىۋېلىش سوممىسى قاتارلىق تەرەپلەردە كۆپ چەكلىمىگە ئۇچرايدىكەن.
2.مەبلەغ ئوبوروتى ئاستا بولۇش سەۋەبىدىن مەبلەغدىن پايدىلىنىش قىيىنلاشقان ۋە بانكىنىڭ قەرز پۇلىغا ئېرىشىشمۇ تەسلەشكەن. بۇنىڭ بىلەن شەخسىي دوختۇرخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش چىقىمى ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانىلاردىن كۆپ يۇقىرى بولىدىكەن.
3.شەخسىي دوختۇرخانىلاردا ئۇنۋان باھالاش، ئىش ھەققى، تەرەققىيات بوشلۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە يۈرۈشلەشكەن سىياسەتلەر كەمچىل بولۇپ، بۇ ئەھۋاللار شەخسىي دوختۇرخانىلارنى ئىختىساس ئىگىلىرىنى جەلپ قىلىش جەھەتتە ھۆكۈمەت ئىگىلىكىدىكى دوختۇرخانىلاردىن ئاجىز قىلىپ قويغان.
4.جەمئىيەتتە شەخسىي دوختۇرخانىلارغا نىسبەتەن بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىر قەدەر كۆپ بولۇپ، تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ قاراشلار ئاساسلىقى شەخسىي دوختۇرخانىلارنىڭ پايدا ئېلىش خاراكتېرىگە نىسبەتەن خاتا چۈشىنىش، دوختۇرخانىنىڭ داۋالاش سۈپىتى، ھەق ئېلىش ئەھۋالى، تەلەپچانلىقى قاتارلىق تەرەپلىرىگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قاراش ئىكەن.