ئىككى يىغىن سىزگە مۇنداق تەسىر كۆرسىتىدۇ

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-18

تۇرمۇشتىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر

1. بىر تۇتاش ئىناۋەتلىك كود نومۇرى

ھەر بىر كىشىنىڭ بىردىنبىر ئىناۋەتلىك كود نومۇرى بولىدۇ، ئىشەنچسىزلەر ھەر يەردە چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ.

2. «ئىنتېرنېت+»

ئىنتېرنېت ئەنئەنىۋى كەسىپكە قوشۇلىدۇ، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرالغۇ، قاتناش قاتارلىقلاردا نۇرغۇنلىغان ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ.

3. ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىلىدۇ

دۆلەت ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ئىلھام بېرىدۇ، ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەر ياخشى پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ.

4. ئۈچ خىل كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلىدۇ

سودا-سانائەت تىجارەت كىنىشكىسى، تەشكىلىي ئورگان كودى كىنىشكىسى، باج تىزىملاش كىنىشكىسى قاتارلىق ئۈچ كىنىشكا بىرلەشتۈرۈلىدۇ.

5. ۋاقىتلىق قۇتقۇزۇش تۈزۈمى

خەلق ئاممىسى ۋاقىتلىق جىددىي ئىش، قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىپ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا قالسا، ھۆكۈمەتنى ئىزدەپ ياردەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

6. شېنجېن ئاكسىيە سودا مەركىزى بىلەن شياڭگاڭ بىرلەشمە سودا مەركىزى تېخنىكىلىق بىرلەشتى

پاي ئاممىسىنىڭ پاي ئېلىپ ساتىدىغان جايىدىن بىرى كۆپەيدى.

7. ئېتىبارلىق پۇل-مۇئامىلە

كىچىك-مىكرو كارخانىلار، ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، دېھقانلار قولاي بولغان پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

8. ئەقلىي شەھەر

قاتناش، داۋالاش، ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق شەھەر ئاممىۋى مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئەقلىي ۋە تېخىمۇ قولايلىشىدۇ.

 

بۇ ئىشلار سىزگە ئاسانلىق تۇغدۇرىدۇ

1. شەھەر-بازاردىكى يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلارنىڭ سانى 10 مىليوندىن ئاشۇرۇلىدۇ

2. يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار كىشىلەردىن 10 مىليوندىن ئارتۇق ئازايتىلىدۇ

3. يېزا-كەنتلەردىكى خەتەرلىك ئۆيلەردىن 3 مىليون 660 مىڭى ئۆزگەرتىپ قۇرۇلىدۇ.

4. يېزا-كەنتلەردىكى 60 مىليون كىشىنىڭ ئىچىملىك سۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسى ھەل قىلىنىدۇ.

5. يېڭىدىن 7 مىليون 400 مىڭ يۈرۈش كاپالەتلىك ئەمىن ئۆي قۇرۇلىدۇ.

6. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش مالىيە تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى 380 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

7. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسىي ئۆلچىمى 55 يۈەندىن 70 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدۇ.

8. تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرىقى 200 نەچچە مىڭ ئېلېكتىر يېتىپ بارمىغان نوپۇسنىڭ ئېلېكتىر ئىشلىتىشى ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ.

9. كارخانىدىن پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى ئاساسى ئۆلچىمى %10 يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز