شى جىنپىڭ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى فائۇست بىلەن كۆرۈشتى

مەنبە :uy.ts.cn       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-18

تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى خەۋىرى

  دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 16-مارت خەلق سارىيىدا خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇدىرى فائۇست بىلەن كۆرۈشتى.

     كۆرۈشۈشتە شى جىنپىڭ فائۇستنىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇنىڭغا ئىككى يىغىن ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق دېدى، بىز «ئىككى 100 يىل» لىق كۈرەش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق، بۇ نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، جۇڭگو دۆلەت ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان سىجىل تەرەققىيات يولىدا ماڭىدۇ. بۇلتۇر مەن زۇڭتۇڭ ئوباما بىلەن بېيجىڭدا كۆرۈشكەندە جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتى قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق يۆنىلىشىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرغان ئىدۇق. مەن بۇ يىل سېنتەبىردە ئامېرىكىدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولىمەن، شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن جۇڭگو-ئامېرىكىنىڭ يېڭى تىپتىكى چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنى قۇرۇش پىلانىنى ئورتاق كىڭىشىشنى ئۈمىد قىلىمەن. ئادىمىيەت ئالماشتۇرۇش جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئاكتىپ رول ئويناپ كەلگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى مۇھىم تۈۋرۈك بولۇپ قالدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئورتاق تىرىشىپ، جۇڭگو-ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي ئېنېرگىيە توپلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

     فائۇست مۇنداق بىلدۈردى، ئامېرىكا-جۇڭگو مائارىپ ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى چۈشىنىشى ۋە ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ. خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگو بىلەن ئۇزاق مۇددەتلىك مۇھىم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، جۇڭگونىڭ مائارىپ ساھەسى ۋە پەن-تېخنىكا ساھەسى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىمەن.

     گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ليۇ يەندۇڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

 

ئەسلى مەنبەسى: http://uy.ts.cn/homepage/content/2015-03/17/content_407702.htm

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز