ئىناۋىتىنى يوقاتقان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى چەكلەندى

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-18

ئاسىيا كىندىكى تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، خەلق ئاۋىياتسىيە باش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى بەلگىلىمىسىگە ئاساسلانغاندا، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىناۋىتىنى يوقاتقان ئىجرا قىلىنغۇچىلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەنلەرنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى چەكلەنگەن. بۇنىڭدا مەملىكەتلىك ئىجرا قىلىنغۇچىلار ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى بىلەن خەلق ئاۋىياتسىيە تور ئۇچۇر سىستېمىسى «ئۇچۇردىن ئورتاق پايدىلىنىش» نى يولغا قويغان بولۇپ، ئىناۋىتىنى يوقاتقان ئىجرا قىلىنغۇچىلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى بېلەت سېتىۋېلىش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلگەندە، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا ئۇچۇرنى توسۇپ قېلىپ، بېلەت سېتىشنى چەكلەيدىكەن. 

ئىناۋىتىنى يوقاتقان ئىجرا قىلىنغۇچىلار: مال-مۈلۈكنى يوشۇرۇش، يۆتكىۋېتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئىجرا قىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان ياكى دەلىل-ئىسپات ئويدۇرۇپ چىقىرىش، زوراۋانلىق، تەھدىت سېلىش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلغان، ئورۇنلۇق ئاساسى بولمىغان ئەھۋالدا ئىجرا قىلىشنى ياراشتۇرۇش كېلىشىمگە ئەمەل قىلمىغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ.   


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز