پۇتبول ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى ئېلان قىلىندى

مەنبە :ئەرقال تاراتقۇسى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-17

«جۇڭگو پۇتبول ئىسلاھاتى ئومۇمىي لايىھەسى» 3-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلان قىلىندى، لايىھەدە جەمئىي 11 چوڭ تۈر، 50 ماددىلىق ئىسلاھات تەدبىرىدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، جۇڭگو پۇتبولچىلىقىنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە نىشانى ئايدىڭلاشتۇرۇلغان.

لايىھەدە پۇتبول تەنھەرىكىتى ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، ئۈچ قەدەملىك ئىستراتېگىيە ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن. لايىھەدە، پۇتبول باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى تەرتىپكە سېلىش، پۇتبول كەسپىنىڭ ئۇزۇن مەزگىللىك تەرەققىيات پىلانىنى تۈزۈپ چىقىش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە پۇتبول كەسپىنى باشقۇرۇش ئەندىزىسىنى تۈزۈپ چىقىش يېقىنقى مەزگىللىك نىشان قىلىنغان. ئوتتۇرا مەزگىللىك نىشان پۇتبول ئۆگىنىدىغان ياش-ئۆسمۈرلەر سانىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىش، كەسپى بىرلەشمە مۇسابىقە تەشكىللەش ۋە رىقابەت مۇسابىقە سەۋىيەسىنى ئاسىيا دەرىجىسىگە يەتكۈزۈش، دۆلەت ئەرلەر كوماندىسىنى ئاسىيانىڭ ئالدىنقى قاتارىغا يەتكۈزۈش، ئاياللار كوماندىسىنى قايتىدىن دۇنيادىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كۈچلۈك كوماندىلار قاتارىغا كىرگۈزۈش قىلىپ بەلگىلەنگەن. ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان كىشىنى تېخىمۇ ھاياجانلاندۇرىدىغان بولۇپ، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش، ئەرلەر كوماندىسىنى دۇنيا لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتناشتۇرۇش، ئولىمپىكقا كىرىش قاتارلىقلار ئىكەن.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز