تېلېفون بانكىسى، ئۈندىدار بانكىسى، ئېلېكتىرونلۇق بانكا، تېلېۋىزور بانكىسى قاتارلىق خېرىدارلارنىڭ ھېساباتىغا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىش يوللىرىنىڭ كۈنسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئەمەلىي تور نۇقتىلىرىنىڭ سانى بارغانسېرى ئازايماقتا. جۇڭگو سودا بانكا جەمئىيىتىنىڭ دوكلاتىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، 2014-يىلى جۇڭگو بانكا كەسپىدىكى پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنىڭ ھېسابات كۆزنىكىسىز ئېلىپ بارغان سودا مىقدارى 116 مىليارد 795 مىليون قېتىمغا يەتكەن بولۇپ، 2013-يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 20 مىليارد 456 مىليون ئاشقان؛ سودا سوممىسى 1339.73 تىرىليون (1 كىۋادرىللىيون 339 تىرىليون 730 مىليارد) يۈەنگە يەتكەن. مول مەزمۇنلۇق، قولايلىق بولغان ئىنتېرنېت ئېلېكتىرونلۇق پۇل-مۇئامىلە مۇلازىمىتى كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياقتۇرۇپ ئىشلىتىشىگە نائىل بولغان بولۇپ، بانكا كەسپىدىكى ئوتتۇرىچە ھېسابات كۆزنىكىدىن ئايرىلىش نىسبىتى %67.88 كە يەتكەن، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.65 ئاشقان.
بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، 2014-يىلى سودا-سانائەت بانكىسى، جۇڭگو بانكىسى، قۇرۇلۇش بانكىسى، قاتناش بانكىسىنىڭ بانكا كۆزنىكىدىكى خادىملار سانى 2013-يىلىدىكىدىن روشەن ئازايغان، بۇنىڭ ئىچىدە، سودا-سانائەت بانكىسى بىر يىلدا قىسقارتقان بانكا كۆزنىكى خادىملىرى 12024 ئادەمگە يېتىپ، ئومۇمىي بانكا كۆزنىكىدە خىزمەت قىلىدىغان 121228 خادىم سانىنىڭ %10 نى ئىگىلىگەن. بۇنچە چوڭ كۆلەمدىكى خادىم قىسقارتىش تىجارەت تور نۇقتىلىرىدا ئاز ئۇچرايدىغان بولۇپ، سودا-سانائەت بانكىسى 2014-يىلى جەمئىي ئازايتقان تور نۇقتىلىرى 128 گە يەتكەن، بۇ دۆلىتىمىزدىكى ھەرقايسى چوڭ بانكىلارنىڭ ئەمەلى تور نۇقتىلىرىنىڭ تۇنجى قېتىم مەنپىي ئېشىشى ھېسابلىنىدىكەن.
مەنبەسى : ئەرقال ئىقتىساد تاراتقۇسى