جەنۇبى سۇداندا تۇقۇنۇش يۈز بېرىپ 144 كىشى ئۆلدى

مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-17

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 17-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: جەنۇبى سۇداننىڭ نىفىتقا باي بولغان يۇقىرى نىل ۋىلايىتىدە يۈز بەرگەن تۇقۇنۇشلاردا 17 ئەسكەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 144 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلدى. جەنۇبى سۇدان ئارمىيىسى باياناتچىسى Philip Oqoir مۇخبرىغا سۆز قىلىپ، ئىپوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە ھۆكۈمەت بىلەن ئىسيانچى گۇرۇپپىلار ئارىسىدا باشلانغان مۇزاكىرىلەر غەلبىلىك بولمىغاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ شىمالىدىكى يۇقىرى نىل ۋىلايىتىگە قاراشلىق كادىت مانيو رايۇنىدا تۇقۇنۇش ۋەقەلىرىنىڭ زورايغانلىقىنى بىلدۈردى. Philip Oqoir يەنە شەنبە كۈنى ئەتىگەندىن بېرى بىخەتەرلىك قىسىملىرى بىلەن قۇراللىق ئىسيانچىلار ئارىىسدا داۋاملاشقان تۇقۇنۇشلاردا 144 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى تەكىتلىدى.

Philip Oqoir، «قۇراللىق ئىسيانچىلارنىڭ رايۇنغا ھۇجۇم قىلىشى بىلەن باشلانغان تۇقۇنۇشلار ، بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ رايۇندا كونتروللىقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشى بىلەن ئاياغلاشتى» دېدى. تۇقۇنۇشتا ئۆلگەن 144 كىشىدىن 17 ىنىڭ ئەسكەر ئ‍ىكەنلىكى ئاشكارىلاندى.

جەنۇبى سۇدان پرېزىدېنتى سالۋا كىر ماياردىت، 2013-يىلى 16-دېكابىردا، ياردەمچىسى رىك ماچارنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش تەشەببۇسى ئوتتۇرغا قۇيۇلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان سىياسىي ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي خادىملارنى قولغا ئالغان ، زوراۋانلىق تۇقۇنۇش ۋەقەلىرى سەۋەبلىك جىددى ھالەت ئېلان قىلغان.

ئىپوپىيە پايتەختى ئەددىس ئەبىبەدە ، كىرزىس باشلانغاندىن بۇيان ھۆكۈمەتلەر ئارا داۋاملىشىۋاتقان ئۇچرىشىشىلاردا، 2014-يىلى ئىيۇندا ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ماقۇللىغان بىر يول خەرىتىسى ئېلان قىلىنغان ئەمما ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىغان.

ۋاستىچى سۆھبەت ھەيئىتى باشلىقى، 5Seyoum Mesfin- مارتتا ماياردىت ۋە سابىق ياردەمچىىسى رىك ماچار ئارىسىدا كەڭ دائىرلىك كېلىشىم تۈزۈلىشى ئۈچۈن بېكىتىلگەن ۋاقىتنىڭ نەتىجە چىقماستىن تاماملىنىشى سەۋەبلىك بىر كۈن كېچىكتۈرۈلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىدى.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز