مالايسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەرنىڭ قىزى قولغا ئېلىندى

مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-17

ئەلجەزىرە تورى 16-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمسى: مالايسىيەدە ئۆكتىچى رەھبەر ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ قىزى نۇرۇل ئىززاھ ئەنۋەر، پارلامېنتتا دادىسى تۈرمىدە يازغان باياناتنى ئوقۇغانلىقى ئۈچۈن ئىسيانغا تەشۋىق قىلغان دەپ ئەيبلەندى.

مالايسىيەدە ئ‍ۆكتىچى رەھبەر ئەنۋەر ئىبراھىمنىڭ قىزى نۇرۇل ئىززاھ ئەنۋەر، ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنتتا دادىسى تۈرمىدىكى ۋاقتىدا يازغان باياناتىنى ئوقۇغاندىن كېيىن دۆلەتتە ئىسيانغا تەشۋىق قىلغان دەپ ئەيىبلىنىپ قولغا ئېلىندى.

خەلق ئ‍ىتتىپاق پارتىيىسىدىن فەھمى فادزىل، پارتىيەنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئىززاھنىڭ، ئەنۋەر ئىبراھىمغا بېكىتىلگەن 5 يىللىق قاماق جازاسىغا قارشىلىق بىلدۈرۈپ 7- مارت ئۆتكۈزۈلگەن نامايشقا ئالاقىدار ئىپادە بىلدۈرۈش ئۈچۈن ساقچىخانىغا بارغان بولۇپ شۇ يەردە قولغا ئېلىندى.

فەھمى فادزىل، ئالاقىدار خادىملارنىڭ، نۇرۇل ئىززاھنىڭ قولغا ئېلىنىشىغا ئۇنىڭ ئۆتكەن ھەپتە پارلامېنتتا دادىسى تۈرمىدىكى ۋاقىتتا يازغان باياناتىنى ئوقۇغانلىقى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. فەھمى، ئىززاھنىڭ قولغا ئېلىنىشىنى ناتوغرىلىق ۋە ئەيىب دەپ سۈپەتلەپ، بۇ قارارنىڭ ئەنۋەرنىڭ قامىلىشىغا قارشى چىققانلارنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى تەكىتلدى.

ئادۋۇكات ر.سىۋاراسا، ئىززاھنىڭ كېچىدە قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن كاپالەتكە قويۇپ بېرىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئەنۋەرنىڭ ئائىلىسى ئېلان قىلغان باياناتىدا، قولغا ئېلىشنىڭ ئۆكتىچىلەرگە تەھدىت سېلىشتىن باشقا ئىش ئەمەسلىكىنى ئېيتىپ، بۇ قارارنى ئەيىبلىدى ۋە ئىززاھنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى.

ئىززاھنىڭ قېرىندىشى نۇرۇل نۇھا ئەنۋەر، «قېرىندىشىمىزنىڭ قولغا ئېلىنىشى قانۇنسىز ۋە ئاساسى قانۇنغا قارشى بىر ھەرىكەتتۇر» دېدى.

ئەنۋەر ئىبراھىم، 1993-يىلى مالايسىيە باش مىنىستىرى ياردەمچىسى بولغان ئىدى، ئەمما يۈز بەرگەن ئىقتىسادى كىرزىستىن كېيىن مالايسىيە باش مىنىستىرى ماھاتھىر مۇھەممەد بىلەن پىكىر قارشىلىقى يۈز بەردى. 1998- ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاندى.

ئەنۋەر ھەققىدە چىقىرىلغان يولسۇزلۇق داۋالىرى ئەسلى يوق بولۇپ چىقتى، ئەمما 1998-يىلى نويابىر ئېيىدا ئەيىبنامەلەر كۈچىنى كۆرسەتتى. 1992-1998 يىللىرى ئارىسىدا شوپۇرلۇق قىلىۋاتقان ئەزىزان ئەبۇ بەكرى، ئەنۋەر ئىبراھىم بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئەنۋەرنىڭ ئۇنى مەخپى خادىمى قىلىپ ئىشلەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئەنۋەر بۇ داۋالار نەتىجىسىدە قولغا ئېلىنىپ 6 يىل تۈرمىدە ياتقان بولۇپ، ئەزىزان ئەبۇ بەكرىنىڭ داۋالىرىنىڭ ئىسپاتسىز ۋە خاتا بولغانلىقى ئۈچۈن 2004-يىلى سىنتەبىردە قۇيۇپ بېرىلگەن ئىدى.


مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز