مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا ماتا باشلىغان بۇلۇڭ توپنى كارىك بېشى بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى. بۇ توپ كارىكنىڭ 13 ئاي ئىچىدە كىرگۈزگەن تۇنجى توپى ھېسابلىنىدۇ. ئىككى توپ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەن مانچېستىر بىرلەشمىسى مۇسابىقىنى پۈتۈنلەي ياخشى كونتىرول قىلىپ ئوينىدى. مۇسابىقىنىڭ 39-مىنۇتىدا توتىنھام رېس مۇداپىيەچىسى خاتالىق سادىر قىلىپ توپنى رۇنىيغا تارتقۇزۇپ قويدى، رۇنىي توپنى ئېلىپ چاققانلىق بىلەن ئۇرۇپ كىرگۈزۈپ نەتىجىنى 3-0 گە ئۆزگەرتتى.بۇ توپ بىلەن رۇنىينىڭ بۇ پەسىل ئېنگلاند دەرىجىدىن تاشقىرى بىرلەشمىسىدە كىرگۈزگەن توپى 13 توپقا يەتتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە ھەر ئىككىلا تەرەپ توپ كىرگۈزۈش پۇرسىتىگە ئېرشەلمىدى، شۇنداق قىلىپ مانچېستىر بىرلەشمىسى 3-0 نەتىجە بىلەن توتىنھام رېس كوماندىسىنى مەغلۇب قىلىپ ئۈچ نومۇرغا ئېرىشتى. فالكاۋ زاپاس ئەزا بولۇپ مۇسابىقىگە قاتناشتى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن كېيىن مانچېستىر بىرلەشمىسى بىرلەشمىدە تۆتىنچى ئورۇندا تۇرماقتا.