سىنا تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى : 3-ئاينىڭ 14-كۈنى، يامايكىلىق داڭلىق قىسقا ئارىلىققا يۈگرۈش ماھىرى «ئۇچار ئادەم» بولت ئۆز دۆلىتىدە ئۆتكۈزۈلگەن فوستېر مۇسابىقىسدە، 46 سىكۇنت 37 دەقىقە نەتىجە بىلەن 400 مېتىرلىق يۈگرۈش تۈرىدە چېمپىيون بولدى. 100 مېتىر ۋە 200 مېتىرلىق يۈگرۈش تۈرىدە دۇنيا رېكورتىنى ساقلاپ كېلىۋاتقان بۇ ماھىر 2015-يىلىدىكى تۇنجى مۇسابىقىدە چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدە چېمپىيون بولغاندىن كېيىن، قاتتىق ھاياجانلانغان بولت مۇنداق دېدى: «ھازىر مېنىڭ بەدەن سۈپىتىم تولۇق ئەسلىگە كەلدى. مەشقتىكى ئىپادەممۇ ياخشى بولىۋاتىدۇ.» خەۋەرگە قارىغاندا، بۇ يىل يازدا بولتنىڭ ئىككى تۈردىكى مۇسابىقىسى بار ئىكەن. بولت 2008-يىلى ۋە 2012-يىلىدىكى ئولىمپىك تەنىھەرىكەت مۇسابىقىسدە، 100 مېتىر، 200مېتىر ۋە 400 مېتىرلىق يۈگرۈش تۈرىدە ئالتۇن مېدال ئالغان. 2009-يىلىدىكى بېرلىن يېنىك ئاتلىتكا مۇسابىقىسدە، توققۇز سىكۇنت 58 دەقىقە بىلەن 100 مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى ۋە 19 سىكۇنت 19 دەقىقە نەتىجە بىلەن 200 مېتىرلىق دۇنيا رېكورتىنى ياراتقان.