ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى : 3-ئاينىڭ 14-كۈنى كېچە ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 11:00 دە، 2014-2015 مۇسابىقە پەسىللىك ئىسپانىيە ئا دەرىجىلىكلەر پۇتبول بىرلەشمىسى 27-ئايلانمىسنىڭ بىر مەيدان قىززىق نوقتلىق مۇسابىقىسى يىپ رۇىئا پۇتبول مەيدانىدا ئېلىپ بېرىلدى. دەسلەپتىكى 26 ئايلانما مۇسابىقىدە، 20 مەيدان يېڭىپ، ئىككى مەيدان تەڭلىشىپ ۋە تۆت مەيدان ئۇتتۇرۇپ 62 نومۇر بىلەن بىرلەشمە رەت-تەرتىپتە بىرىنچى ئورۇندا تۇرىۋاتقان بارسېلونا كوماندىسى مېھمان مەيداندا ئېبار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. ساھىبخان كوماندا 26 ئايلانما مۇسابىقىدە، يەتتە مەيدان يېڭىپ، ئالتە مەيدان تەڭلىشىپ ۋە 13 مەيدان ئۇتتۇرۇپ بىرلەشمىدە 14-ئورۇندا تۇرىدۇ. مۇسابىقە باشلىنىپلا بارسېلونا كوماندىسى ئەنئەنىۋىي قىسقا پاس ئويناش ئۇسلۇبى بويىچە مەيداننى كونتورول قىلىپ ئوينىدى. ھۇجۇم خېلى كۈچلۈك بولدى. 31-مىنۇتتا، قاتىل ھۇجۇمچى مېسسى چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ قاپقىغا توپ تەپتى. بۇ توپ قارشى تەرەپ ماھىرىنىڭ قولىغا تەگدى. باش رېپىر «قول توپ» دەپ ھۆكۈم قىلىپ بارسېلونا كوماندىسغا نوقتا توپ ئۇرۇش پۇرسىتى يارىتىلىدى. مېسسى ئۆزى بارلىققا كەلتۈرگەن بۇ توپنى تەمكىنىلىك بىلەن تېپىپ كىرگۈزدى. بارسېلونا كوماندىسى ۋاقىتلىق بىر توپ ئۈستۈنلۈككە ئۆتتى. بۇ مېسسىنىڭ بىرلەشمە مۇسابىقىدە كىرگۈزگەن 31-توپى بولۇپ، خان جەمەتى مادرىد كوماندىسنىڭ مەرگىنى كىرىستىئانو رونالدوىن بىر توپ ئېشىپ كەتتى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە 1 : 0 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.
كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسى ئوخشاشلا قارشى تەرەپكە بېسىم قىلىپ ئوينىدى. ماھىرلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. 55 مىنۇت بولغاندا، راكتىچ ئوڭ تەرەپتىن بولۇڭ توپ تەپتى. چەكلەنگەن رايۇن ئىچىگە تاشلىغان بۇ توپنى يەنىلا شۇ مېسسى باش بىلەن ئۈسۈپ كىرگۈزدى. بارسېلونا كوماندىسى نومۇرنى يەنە كېڭەيتتى. بۇ مۇسابىقىدە بارسېلونا كوماندىسنىڭ ۋاراتارى بىراۋونىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى. بىر نەچچە قېتىم قارشى تەرەپنىڭ خەتەرلىك توپىنى تۇسىۋالدى. 62-مىنۇتىدا، بارسېلونا كوماندىسنىڭ «چوڭ مېڭىسى» خاۋى راكتىچ بىلەن ئالمىشىپ مەيدانغا چىقتى. بۇ خاۋىنىڭ بارسېلونا كوماندىسىغا ۋاكالىتەن 750-مەيدان رەسىمىي مۇسابىقىدە مەيدانغا چىقىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پىشقەدەم توپچى خاۋىنىڭ مۇسابىقىنىڭ ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدىكى ئىپادىسى يامان ئەمەس بولدى. ( مۇسابىقە فىلىمىنى كۆرۈڭ )