«كۆرك لوڭقىسى» ئىجادىي مىكرو كىنو مۇسابىقىسى باشلاندى

مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : گۈلمىرە       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-14

تۇنجى نۆۋەتلىك ‹كۆرك لوڭقىسى ›ئىجادىي مىكرو كىنو مۇسابىقىسىگە ئەسەر توپلايمىز

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات–سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى كىنوچىلار جەمىئيىتى بىلەن جۇڭگو تېلېگرافى شىنجاڭ شېركىتى كۆرك ئېكرانى بىرلىشىپ ئۇيۇشتۇرغان تۇنجى نۆۋەتلىك ‹كۆرك لوڭقىسى› ئىجادىي مىكرو كىنو مۇسابىقىسى باشلاندى!

سىزدە پەقەت بىر دانە DV ئاپپاراتى ۋە ئىجاد قىلىش روھىي بولسىلا ئەتراپىڭىزدىكى خۇشال مىنۇتلارنى، كىشى قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەرنى بىر كىنوغا ئايلاندۇرالىشىڭىز مۇمكىن. پۇرسەتنى كۈتۈۋاتقان دوستلىرىمىزنىڭ ئۆزىنى نامايان قىلىدىغان پەيتى يېتىپ كەلدى!

1.مۇكاپات  تۈرلىرى سەر خىل

 (1) مۇنەۋەر ئەسەرلەر 1000 يۈەن بىلەن مۇكاپاتلىنىدۇ.

(2)دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرگە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلۇق ئەدەبىيات –سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ گۇۋاھنامىسى تارقىتىلىدۇ.ھەم ئىچكىرى ئۆلكىلەردىكى مۇسابىقىلەرگە تەۋسىيە قىلىنىدۇ.

(3) بىرىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات :بىر نەپەر 10000 يۈەن .

ئىككىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: ئىككى نەپەر 5000 يۈەن.

ئۈچىنچى دەرىجىلىك مۇكاپات: ئۈچ نەپەر 3000 يۈەن.

 

 

2. ئەسەر توپلاش ۋاقتى :2015-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2015- يىلى 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە

ئالاقىلىشىش نومۇرى: 4516024-0991

      18160579243 ،13659986186

3.ئەسەرگە بولغان تەلەپ  :

 (1) فىلىم ھاياتى كۈچكە ئىگە، راۋان، ئېنىق بولۇشى، تىلى چۈشىنىشلىك، ئاممىباب بولۇشى كېرەك. ئەسەرنىڭ ئۇزۇنلىقى 5 مىنۇتتىن 20 مىنۇتقىچە بولىدۇ.

 (2) ئەسەر چوقۇم ئەسلى ئىجادىيەت بولۇشى كېرەك، ژانىرىغا چەك قويۇلمايدۇ.

(3) ئەسەرMPG、MP4、MOV、AVI、WMA شەكلى بويىچە يوللانسا بولىدۇ.

(4) ئېنىقلىق دەرىجىسى720*540 دىن تۆۋەن بولماسلىقى لازىم.


4.باھالاش ئۇسۇلى

1. دەسلەپكى باھالاش : تەلەپكە  ئۇيغۇن بولغان ئەسەرلەر كۆرك ئېكرانى يانفون دېتالىغا يوللىنىدۇ. تاماشىبىنلار كۆرك ئېكرانى ئارقىلىق بېلەت تاشلايدۇ. بېلەت سانىغا ھەم كىنو فىلىم ساھەسىدىكى تەكلىپلىك باھالىغۇچىلارنىڭ باھاسىغا ئاساسەن 30 پارچە مۇنەۋۋەر ئەسەر تاللاپ چىقىلىدۇ.

2. ئاخىرقى باھالاش: تەكلىپلىك باھالىغۇچىلار30 پارچە ئەسەردىن دەرىجىگە ئېرىشكۈچىلەرنى (6 نەپەر) باھالاپ چىقىدۇ.


5. قاتنىشىش ئۇسۇلى :

1. ئەسەر ئىگىسىنىڭ ئىسمى، جىنسى، يۇرتى، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، ئادرېسى، ئىمزاسى، ئەسەر ژانىرى، تېمىسى، قىسقىچە مەزمۇنى (200خەت ئەتراپىدا)، ئەسكەرتىشى قاتارلىقلار ئەسەر بىلەن بىرگە يوللىنىشى كېرەك.

2. ئەسەرنى كۆرك ئېكرانى Kork.tv189.com ياكى كارۋان تورى http://www.karwan.cn غا يوللىسىڭىز بولىدۇ.

3. پلاستىنكا شەكلىدەتۆۋەندىكى ئادېرىسقا يوللىسىڭىزمۇ بولىدۇ.                                                       

1. 新疆乌鲁木齐市河北东路1168号中国电信新疆信息业务分公司库看微电影大赛组委会, 邮政编码:830011

2.  乌鲁木齐市沙依巴克区友好南路716号新疆电影家协会 ,邮政编码:830002

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز