شېرىن چۈش پىروگراممىسى 5-مارت كەچتە XJTV-2 دە قويۇلىدۇ

مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : ئالىمجان       يوللانغان ۋاقىت :2015-03-01

 شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى بىلەن ئۈرۈمچى LB مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى بىرلىشىپ ئىشلىگەن خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تۈسىدىكى ئۇنۋېرسال كۆڭۈل ئېچىش پىروگراممىسى "شېرىن چۈش"،  2015- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8:40 دە، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلىدا كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ.

شىرىن چۈشتە غايە بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى پەرق، تالانت بىلەن تىرىشچانلىق ئېلىپ كېلىدىغان پۇرسەت، جۈرئەتلىك قەدەملەرگە پايانداز بولغان سەھنە  گۈزەل ھەم تەسىرلىك ھېكايىلەر، شۇنداقلا سىز تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغان كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ.

 شىرىن چۈش پىروگراممىسى جەمئىيەتنىڭ ھەر قايسى قاتلاملىرىدا ياشاۋاتقان ھەر ساھەدىكى كىشىلەرنىڭ ئەھمىيەتلىك غايىلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشىغا مەيدان ھازىرلاش، ياردەم بېرىش، كارخانىلاردىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن گۈزەل ئارزۇلار قوينىدا ئەللەيلىنىۋاتقان ھەر ساھە كىشىلەر ئارىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش، بۇ ئارقىلىق ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئوبراز يارىتىش مەقسىتىدە تەسىس قىلىغان.

 

شىرىن چۈش پىروگراممىسى بىر يىلدا ئىككى پەسىل، ھەر پەسىلدە 26 سان ئىشلىنىدۇ. شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى 2- قانىلىدا ھەر ھەپتىنىڭ پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن ۋاقىتتا (ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8:40 دە) بىر سان قويۇلىدۇ.

 

شېرىن چۈش پىروگراممىسىغا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسىنىڭ داڭلىق رىياسەتچىسى، خەير-ساخاۋەت ئەلچىسى شەمسىيە ئەبەيدۇللا بىلەن يېتىلىۋاتقان ياش رىياسەتچى زۇمرەت ئابدۇقادىر بىرلىكتە رىياسەتچىلىك قىلغان.

 

2015- يىلى 3- ئاينىڭ 5- كۈنى (پەيشەنبە) ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ سائەت 8:40 دە، نەزىرىڭىز شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسسى ئاخبارات ئۇنۋېرسال قانىلى (XJTV-2)دا بولسۇن! 

 

ئاجايىپ تەسىرلىك ھېكايىلەر، ئەل ئىچىدىكى ھەر ساھەنىڭ قابىل ۋە نادىرلىرى، چۈش بىلەن رىئاللىق ئارىسىدىكى كۆۋرۈك، كارخانىچىلىرىمىزنىڭ مەردۇ-مەردانىلىقى دەل موشۇ يەردە!


 

شېرىن چۈش پىروگراممىسى داۋاملىق ماھىر قوبۇل قىلىدۇ، تىزىملىتىش ھەقسىز! پەقەت ئەھمىيەتلىك ئارزۇ، قىممەتلىك غايىلىرىڭىز بولسىلا، ئۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا پۇرسەت ۋە ئىمكانىيەت يارىتىلغان!

 

ماھىر تىزىملىتىش قىزىق لىنيىسى

18699058455

توردىن تىزىملىتىش ئادرېسى

www.uynava.com

www.uynava.cn

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز