رېھىمجان ئابدۇقېيۇمنىڭ يېڭى پىلاستىنكىسى يىقىندا بىز بىلەن يۈز كۆرىشىدۇ

مەنبە :ئۇزار تورى       يوللىغۇچى : شىرئەلى       يوللانغان ۋاقىت :2015-02-21

 يېتىلىۋاتقان ياش مۇزىكا ئىجادىيەتچىسى، ئۆزگىچە ئاۋازى، ئۆزگىچە ناخشا ئېيتىش ئۇسلۇبى بىلەن ياشلار قەلبىگە زوق بېرىۋاتقان ئۈمىدلىك ياش رېھىمجان ئابدۇقېيۇم 1990- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنى ئەزىزانە دىيار قەشقەردە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپنى ئۆز يۇرتىدا تاماملىغان، 2009-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى مۇزىكا فاكۇلتېتىغا قوبۇل قىلىنىپ، 2013- يىلى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەن. ئۇنىڭ ئىجادىيىتى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ۋاقتىدىلا باشلانغان بولۇپ، ”ئۇنتالىغان بولسام“ ناملىق ئۆز ئىجادىيىتى بىلەن سەنئەت ئاسمىنىدا ئۆزىنىڭ لىرىكىسنى ياڭراتقان، ئۇ يەنە 2009- يىلى ”ئالداپسەن مېنى“ ناملىق ئىجادىي ناخشىسى ئارقىلىق ياشلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ئەستايىدىللىق، مەسئۇليەتچانلىق بىلەن تىرىشىشى ئارقىلىق ”سۆيگۈ دېگەن شۇنداق بولامدۇ؟“، ”بارغۇم بار“ قاتارلىق ئىجادىي ئاھاڭلىرى ھەم خەلق ئاھاڭلىرى خەلق ئاممىسىنڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ ”ئانام يوق“، ”بۇنى قانداق مۇھەببەت دەيسەن“، ”مەھەللەمدە بىر قىز بار“ قاتارلىق ناخشىلىرى تېخىمۇ يارقىن نۇقتا ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ يەنە پات يېقىندا يېڭى ئىجادىيەت، يېڭى تېما مەزمۇنلاردىن تەركىب تاپقان پىلاستىنكىسى بازارغا سېلىنماقچى، ئۈمىد ئەل بىلەن كۆكلەيدۇ ھەم راۋاج تاپىدۇ، ئۇ داۋاملىق تىرىشىش ئارقىلىق ئەل قەلبىگە ياققان، ئەلمۇ سۆيگەن، سەنئەت بېغىغا لايىق بىر ئۈنى ئۆچمەس بۇلبۇل بولغۇسى.

مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
  • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
  • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
  • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
  • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
  • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
    يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز