2013- يىلى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى شەندۇڭدا ئۆتكۈزۈلگەن «ئۈمىد لوڭقىسى» خەلقئارالىق ياش-ئۆسمۈرلەر پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىدە چىنپىيون بولدى، بۇ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى پۇتبول تەرەققىياتى ۋە پۇتبول ھەۋەسكارلىرىغىمۇ ئىنتايىن زور ئۈمىد بېغىشلىدى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپ پۇتبول كوماندىسى ئون نەچچە يىللىق پۇتبول تۈرىدە كۆزگە كۆرۈنگەن ئالاھىدىلىكى ئىگە بولۇپ، ئىزچىل تۈردە مەملىكەتلىك مۇسابىقىلەردە ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
كىچىك چولپانىمىز بەرنا ئەنۋەر ئۈمىدكە تولغان پۇتبول ئەزىمەتلىرىنى قوللاش، تەبرىكلەش ئۈچۈن، بۇ قېتىملىق پۇتبولغا بېغىشلىغان ناخشىسىنى تەقدىم ئەتمەكچى، ناخشىنىڭ تېكستى، سۈرەتلىك كۆرۈنىشىگە ناھايىتى كۆڭۈل قۇيۇپ، زور كۈچ بىلەن تەييارلىغان ناخشىسى كەڭ دوستلار ھۇزۇرىغا سۇنۇلماقچى، بۇ قېتىملىق ناخشىنى شىنجاڭ ھەرەمباغ سودا تەرەققىيات شىركىتى، شىنجاڭدىكى ئالدىنقى قاتاردىكى كەسپىي تور بەت بولغان شىنجاڭ سەنئەت تورى، شىنجاڭ بالاڭزا سودا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئالاھىدە قوللىغان بولۇپ، ئوماق چولپىنىمىز بەرنانىڭ بۇ ناخشىسى شىنجاڭ سەنئەت تور بېكىتىدە تۇنجى تارقىتىلىدۇ.