ئەنگلىيە كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ 26-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئافرىقىلىق شىر Lambert كىچىك ۋاقتىدا ئامېرىكىدىكى بىر ئائىلىگە سېتىۋېتىلگەن بولۇپ، كېيىن بۇ ئائىلە تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلگەن. كېيىن In-Sync Exotic ياۋايى ھايۋاناتلارنى قۇتقۇزۇش ئورنى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان. قۇتقۇزۇش ئورنىدا، بۇ ئافرىقا شىرى ئەدىيال يېپىنىپ ئۇخلاشنى ئۆزىگە ئادەت قىلىۋالغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئامېرىكىدىكى بىر بالا «شىر پادىشاھ» ناملىق كىنونى كۆرگەندىن كېيىن شىر بېقىۋالماقچى بولغان. كېيىن بۇ بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قانۇنسىز يوللار ئارقىلىق بۇ شىر بالىسىنى سېتىۋالغان. ئەمما ئۈچ بولا-بولمايلا تاشلىۋېتىلگەن ۋە بەختكە يارىشا بۇ قۇتقۇزۇش ئورنى تەرىپىدىن قۇتقۇزۇۋېلىنغان.