جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-مارت خەۋىرى، ؛
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، سىپرۇس زۇڭتۇڭى Anastasiades شۇ جاي ۋاقتى 29-مارت يۈز بەرگەن مىسىر ئاۋىياتسىيە ئايروپىلانىنى بۇلاش ھەمدە سىپرۇستىكى لارناكا ئايرودۇرۇمىغا قونۇش ئىشى توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىپ: نۆۋەتتىكى جىنايەتچى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان مۇتەخەسسىسىنىڭ ئىگىلىگەن ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىملىق ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسىنىڭ تېررورىزم بىلەن ئالاقىسى يوق، دېگەن.
خەۋەر قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە، ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ سالاھىيىتى ئاللىقاچان سىرتقا ئاشكارىلانغان، ئىگىلىنىشچە، بۇ جىنايەتچى مىسىر ياكى لىۋىيەدىن كەلگەن بولۇپ، ئىسمى ئىبراھىم ساماھا ئىكەن. ئۇ سىپرۇس ھۆكۈمىتىدىن سىياسىي پاناھلىق ئىزدەپ، ئىلگىرىكى ئايالىغا خەۋەر يەتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغان. نۆۋەتتە ئۇنىڭ ئىلگىرىكى ئايالى ئاللىقاچان ئايرودرومغا بېرىش ئۈچۈن يولغا چىققان ئىكەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، بۇلاش ۋەقەسىنى تۇغدۇرغۇچى ئۆزىنىڭ بېلگە بومبا بەلۋىغى تاقىۋالغانلىقىنى ئېيتقان، لېكىن ئارقىدىن ئۇ ئايروپىلاندىكى كۆپ قىسىم يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇلانغان مىسىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانى مىسىرنىڭ دۆلەت ئىچى ئۇچۇش لىنىيەسىدە ئۇچقان بولۇپ، شۇڭلاشقا يولۇچىلارنىڭ پاسپورتى ۋە باشقا تەرەپلەردىكى تەكشۈرۈشلەر خەلقئارا ئۇچۇش لىنىيەسىدەك ئۇنداق قاتتىق ئەمەس ئىكەن.
مىسىر ھۆكۈمىتى بۇ كىشىنىڭ راستتىنلا بومبا ئېلىپ كىرگەن ياكى كىرمىگەنلىكىدىن گۇمانلانغان.
بۇ قېتىمقى بۇلانغان نۆۋەتچى ئايروپىلان مىسىر ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە تەۋە بولۇپ، ئاۋىياتسىيە نومۇرى MS-181 ئىكەن. بۇ ئايروپىلان ئەسلى پىلان بويىچە ئىسكەندەرىيە پورتىدىن مىسىرنىڭ پايتەختى قاھىرەگە قاراپ ئۇچقان.