مۇشۇ تۈردىكى يىڭىسى
  • ھىندونېزىيەنىڭ پاپۇئا ئۆلكىسىدە 5.7 بال يەر تەۋرىدى
  • دۇنيادا يىلىغا 5000 ئايال ‹‹شەرەپلىك قەتلى قىلىنىدۇ››
  • ھايۋاناتلارنى قوغداش جەمئىيىتىنىڭ ئەزالىرى كىشىلەرنى گۆشسىز تاماق يېيىشكە چاقىرىق قىلدى
  • مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان مېڭىسى يوق بالا ئىككى ياشقا كىردى
  • مانخاتتاندا بىرەيلەن 682 مىليونغا ئۆي سېتىۋالدى
  • موزامبېكتا MH370 قالدۇقىغا ئوخشايدىغان ئايروپىلان پارچىسى يەنە بايقالدى
  • سېرىق ھەرە ئاقكۆڭۈل تام پاتمىچۇقىنى «بوزەك» قىلدى
  • ياپونىيە قوغدىنىش ئەترىتى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك راست ئوق مانېۋىرى ئۆتكۈزدى
  • ئامېرىكا شەرقىي شىمالىدا يۇقىرى تېمپېراتۇرا سەۋەبلىك بېلىقلار ئۆلۈپ كەتتى
  • ئامېرىكا رۇسىيە پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئوغلىنى تور ھۇجۇمى جىنايىتى بىلەن قولغا ئالدى
  • ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا مۇناسىۋەتلىك رەڭلىك رەسىملەر
  • بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەننى ئەيىبلىدى
  • 18 ياشلىق بالا ئايروپىلان بىلەن يەرشارنى ئايلىنىش سەپىرىنى تاماملىدى
  • دېڭىز شەيتىنى غەۋۋاس بىلەن بىرلىكتە ساياھەت قىلدى
  • جەنۋە كىشىلەر نامايىش ئۆتكۈزۈپ ھايۋاناتلارغا باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى
  • چاۋشيەن شەرقىي دېڭىز رايونىغا بىر نامەلۇم ئۇچقۇ قويۇپ بەردى

    مەنبە :chinanews.com       يوللىغۇچى : abdullajan       يوللانغان ۋاقىت :2016-03-29

    جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-مارت خەۋىرى، ؛

    كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، چاۋشيەن دائىرىلىرى چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسىمدىكى دېڭىز رايونىدا بىر قىسقا مۇساپىلىك ئۇچقۇ قويۇپ بەرگەن.

    كورىيە ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ ئاخباراتچىسىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 29-مارت چۈشتىن كىيىن، چاۋشيەن كاڭۋوندو ۋونسان بۆلىكىدىن چاۋشيەن يېرىم ئارىلىنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز رايونىغا بىر قىسقا مۇساپىلىك ئۇچقۇ قويۇپ بەرگەن بولۇپ، لېكىن بۇ ئۇچقۇنىڭ كونكرېت زادى نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىكەن.

    كورىيە بىرلەشمە ئاگېنتلىقى ئارقىدىن يەنە خەۋەر بېرىپ «چاۋشيەن قويۇپ بەرگەن ئۇچقۇ قۇرۇقلۇققا چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن.

    مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنىدىن باشلاپ، كورىيە بىلەن ئامېرىكا ئارمىيەسى كورىيە چېگراسى ئىچىدە «كەسكىن قارار» ۋە «تاز قارا» ناملىق چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزگەن. «كەسكىن قارار» مانېۋىرى 18-مارت ئاخىرلاشقان، «تاز قارا» مانېۋىرى بولسا 4-ئاينىڭ 30-كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن.

    بۇنىڭغا قارىتا، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ باش ئىشتابى 12-مارت بايانات ئېلان قىلىپ «ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئۆتكۈزگەن بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېردىكى زەربە بېرىمىز» دېگەن.

    مۇشۇ ئاي كىرگەندىن بۇيان، چاۋشيەن ئالدى-كەينى بولۇپ ئاللىقاچان بەش قېتىم قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن. 

    3-ئاينىڭ 3-كۈنى چاۋشيەن يېرىم ئارالنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى دېڭىز رايونىغا نۇرغۇنلىغان قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بەرگەن بولۇپ، بۇ چاۋشيەننىڭ بۇ يىل كىرگەن بۇيان تۇنجى قېتىم قىسقا مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا قويۇپ بېرىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

    بۇلاردىن باشقا، چاۋشيەن 2016-يىلى 1-ئاي ۋە 2-ئايدا ئارقا-ئارقىدىن «تۇنجى قېتىملىق ۋودورود بومبىسى قويۇپ بېرىشنى سىناق قىلىغان»لىقى ھەمدە «نۇرلۇق يۇلتۇز تۆتىنچى» سۈنئىي ھەمراھىنى قويۇپ بېرىپ، مۇۋەپپەقىيەت قازانغانلىقىنى جاكارلىغان.



    يېڭى خەۋەر كۈرۈش 336-280  ئاستى ئېلان ئورنى
    مەزكۈر مەزمۇنلارنى ئۇزار ئۇيغۇر توردىن كۆرگەنلىكىڭىزنى ئۇنتۇپ قالماڭ! : www.uzar.cn
    • بىكىتمىزنىڭ بارلىق ھۇقۇقى ئۇزار تور مۇلازىمەت تورلايىھە گۇرۇپپا ئشىخانىسىغا مەنسۈپ
    • ئەسكەرتىش: بېكىتىمىزدىكى بىر قىسىم مەزمۇنلار توردىن يىغىلغان بۇلۇپ نەشىرى ھۇقۇقى ئەسلى مەنبەسىگە تەۋە. نەشىرى ھۇقۇقىغا دەخلى قىلغان مەزمۇنلار بىردەك ئۈچۈرۈلىدۇ
    • بىكەت مەسئۇلى : شىرئەلى ئىمىنتوختى ، ئىلان ئالاقە ھەمكارلىق تېلىفۇنى: 15009049634
    • QQ:416977351 Wechat : uzarjan ,Email:yayrim0132@qq.com
    • ئۇزار تورى ئۈندىدار سالونى
      يېڭى ئۇچۇرلار،يېڭى ناخشىلار،شەخسلەر،ساغلاملىق قاتارلىق مەزمۇنلاردىن ھۇزۇلىنالايسىز