جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-مارت ئۇنۋېرسال خەۋىرى، شۇ يەر ۋاقتى 29-مارت، مىسىر ئاۋىئاتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئايروپىلان بۇلاڭچىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، يولۇچىلار ئايروپىلانى سىپرۇسنىڭ راناكاخ ئايرودرومىغا قونغان. سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە تۆت نەپەر چەتئەللىكتىن باشقا، ئايروپىلاندىكى 56 نەپەر يولۇچىنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن. ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ سالاھىيىتىمۇ ئاشكارىلانغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، ئايروپىلان بۇلاڭچىسى ئامېرىكىدىكى بىر ئالىي مەكتەپنىڭ تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۇ سىياسىي پاناھلىق تەلەپ قىلغاندىن باشقا، يەنە ئۆزىنىڭ ئالدىنقى ئايالى بىلەن يۈز كۆرۈشنى تەلەپ قىلغان.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر بەرگۈچىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، مىسىرنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانىنى بۇلىغۇچى ئامېرىكا ئاتلانتا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەن ئوقۇغۇچىسى ئىكەن. بۇندىن بۇرۇنقى خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ئايروپىلان بۇلىغۇچى 27 ياشتا، مىسىرلىق ياكى لىۋىيەلىك بولۇشى مۇمكىن، ئىسمى ئىبراھىم ساماھا دېيىلگەن. ئۇ سىپرۇس دائىرىلىرىدىن پاناھلىنىشنى تەلەپ قىلغان ھەمدە سابىق ئايالىغا خەت-چەك يەتكۈزۈپ، ئۇنىڭ بىلەن يۈز كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلغان. ئاخبارات ۋاستلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سابىق ئايالى دەل ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئايروپورتقا قاراپ يولغا چىققان.
بۇندىن بۇرۇن، ئۇ بەدىنىگە كەمەر باغلاپ، بەدىنىمدە ئۆزىنى قوشۇپ پارتلاتقۇچى بومبا بار دەپ جار سالغان. نۆۋەتتە ئايروپىلاندىكى يولۇچىلار پۈتۈنلەي قويۇپ بېرىلگەن.
باشقا خەۋەرلەرگە قارىغاندا، مىسىر پۇقرالىرىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ئايروپىلاندا جەمئىي 26 نەپەر چەتئەللىك يولۇچى بار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە: سەككىز نەپەر ئامېرىكا پۇقراسى، تۆت نەپەر ئەنگىلىيە پۇقراسى، تۆت نەپەر گوللاندىيە پۇقراسى، ئىككى نەپەر بېلگىيە پۇقراسى، ئىككى نەپەر گىرېتسىيە پۇقراسى، بىر نەپەر فرانسىيە پۇقراسى، بىر نەپەر ئىتالىيە پۇقراسى، بىر نەپەر سۈرىيە پۇقراسى، يەنە ئۈچ نەپەر دۆلەت تەۋەلىكى تېخى ئېنىق بولمىغان چەتئەللىك يولۇچى بار ئىكەن.
بۇ قېتىم بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان يولۇچىلار ئايروپىلانى مىسىر ئاۋىئاتسىيەسىگە تەۋە بولۇپ، MS181-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىكەن، ئايروپىلان تىپى A320. بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەسلى پىلاندا ئىسكەندىرىيەدىن مىسىر پايتەختى قاھىرەگە قاراپ ئۇچقان ئىكەن.