ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
iPhone 4 نى iPhone نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈش لايىھەسىدىكى نادىر ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ، نۇرغۇنلىغان تورداشلارنىڭ ھەممىسى ئالمىنىڭ قايتىدىن ئۇنىڭ لايىھەسىنى قوزغىتىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. ھازىر iPhone 7 گە قارىساق ئانچە مۇمكىن ئەمەستەك قىلىدۇ.
كۆپ قېتىم يېڭى iPhone نى توغرا پەرەز قىلغان كو مىڭچى بۈگۈن يەنە ئالما 2017-يىلى چىقىرىدىغان يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone دا يېڭى ئۆزگىرىش بارلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئاساسلىقى:
1. AMOLED ماتىرىيالىدىكى ئېكران ئىشلىتىدۇ، ئوخشاشلا ئېكران رازمىرى 5.5 دىيۇمدىن ئېشىپ، 5.8 دىيۇمغا يېتىدۇ؛
2. كۆپچىلىك ئەيىبلىگەن مېتال لايىھە ئۇسلۇبى iPhone 4 دىكى قوش ئەينەكلىك لايىھەگە ئۆزگىرەيدۇ؛
كومىڭچى يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone نىڭ يانفون گەۋدىسى ماتېرىيالى iPhone 4 نىڭكى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ، يەنى قوش ئەينەك ئىشلىتىدۇ دەپ تىلغا ئالغان. ئىلگىرى ئالما فار-فور قاتارلىق ماتىرىيال ئىشلىتىشنى ئويلاشقان، ئەمما ياساش تېخنولوگىيەسى قاتارلىق سەۋەبتىن، ئەڭ ئاخىرىدا ۋاز كەچكەن.
قوش ئەينەك ئىشلىتىش بىر مەسىلىگە دۇچ كېلىدۇ، ئۇ مەسىلە دەل يانفون گەۋدىسى زىيادە ئېغىر بولۇش، بۇ مەسىلىنى ئالما چوقۇم ھەل قىلىشى كېرەك.
ئەڭ ئاخىرىدا كومىڭچى يېڭى بىر ئەۋلاد iPhone نىڭ يەنە سىمسىز توك قاچىلاش ئىقتىدارى بار، دەپ ئىپادە بىلدۈرگەن. ئەمما قايسى خىل ھەل قىلىش چارىسى ئىكەنلىكىنى ئۇ تىلغا ئالمىغان. ئوخشاشلا ئالما يەنە iPhone ئۈچۈن يېڭى فىزىئولوگىيەلىك پەرقلەندۈرۈش شەكىلى قوشىدۇ. مەسلەن كۆز پەرقلەندۈرۈش (رەڭدار پەردە)، يۈز قىسىمنى سىكاننېرلاش قاتارلىقلار.
5.8 دىيۇملۇق ئېكران، قوش ئەينەكلىك iPhone 4 نىڭكىگە ئوخشاش لايىھە قىياپىتى كۆپچىلىكنىڭ كۈتۈشىگە ئەرزىيدۇ.