تاراتقۇلارنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردا كىشىنىڭ سۆزىدىن نەقىل كەلتۈرۈشىچە، قىزلار گۇرۇپپىسى Wonder Girlsپات ئارىدا ئەڭ يېڭى پلاستىنكىسىنى چىقىرىدىكەن. بۇنىڭغا قارىتا بۇ گۇرۇپپا تەۋە ۋاستىچى شىركەت JYP بۇ خەۋەرنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى.
JYP نىڭ مەسئۇل خادىمى زىيارەت قوبۇل قىلغاندا: «بىز ئالاقىدار خەۋەرلەرگە دىققەت قىلدۇق، ھازىر Wonder Girls ھەقىقەتەن يېڭى پلاستىنكىسىغا تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. لېكىن ئەزالارنىڭ قايتىپ كېلىش ۋاقتى، پلاستىنكىنڭ تۈرى قاتارلىقلار تېخى بېكىتىلمىدى، ئەگەر يېڭى نەتىجە بولسا بىرىنچى ۋاقىتتا ئېلان قىلىمىز» دېدى.
ساھەدىكى ئالاقىدار كىشىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، Wonder Girls بۇ قېتىم ئىشلەۋاتقان يېڭى پلاستىنكىدا ئەزالار ئۆزلىرى ئىجاد قىلغان ناخشىلار بار ئىكەن، ھەمدە بۇ قېتىملىق پلاستىنكىنىڭ باش ناخشىسىنىڭ ئىجادىي ناخشا بولۇشىدىن ئۈمىد بار ئىكەن. بۇلتۇر Wonder Girls ئەزالىرى قايتا تەڭشەلگەندىن كېيىن تۇنجى پلاستىنكىسى«REBOOT» نى چىقارغان، نەتىجىسى يامان ئەمەس بولغان. بۇ قېتىم بۇ گۇرۇپپا يېڭى پلاستىنكىسى ئارقىلىق ئىلگىرىكى شۆھرىتىنى قايتۇرىۋالالمامدۇ-يوق بۇ كىشىنى قىزىقتۇرىدۇ.
Wonder Girls گۇرۇپپىسى ئىلگىرى «كىشىنى ئەڭ ئەپسۇسلاندۇرىدىغان گۇرۇپپا» دەپ ئاتالغان. بۇ گۇرۇپپا 2007-يىلى قۇرۇلغان قىزلار ناخشا گۇرۇپپىسى، گۇرۇپپا 2008-يىلى چىقارغان ناخشا «Nobody» كورىيە، شەرقىي ئاسيادا قاتتىق ئالقىشلانغان، پۈتۈن دۇنيادىمۇ خېلى تەسىر قوزغىغان. بىر قاتار نەتىجىدىن كېيىن JYP شىركىتى مەغرۇرلىنىپ بىر خاتا قارار چىقارغان، يەنى Wonder Girls نى ئامېرىكىدا تەرەققىي قىلغۇزماقچى بولغان. لېكىن بىر نەچچە يىل تىرىشىش ئارقىلىق Wonder Girls تۈزۈك نەتىجە ئېرىشەلمەي كورىيەگە قايتىپ كەلگەن، لېكىن بۇ ۋاقتتا ئىلگىرى Wonder Girls نىڭ كەينىدە تۇرىدىغان «قىزلار دەۋرى» ۋە باشقا گۇرۇپپىلار ئاللىقاچان كورىيە بازىرىنى ئىگەللەپ بولغان ئىدى، Wonder Girls جۇڭگودا بازار ئاچماقچى بولغان بولسىمۇ، نەتىجە قازىنالمىغان. يەنە بىر تەرەپتىن گۇرۇپپا باشلىقى مىن سۇيېنىڭ توي قىلىپ گۇرۇپپىدىن چېكىنىشى بىلەن گۇرۇپپا ئەزالىرى ئارىسىدا تولا ئۆزگىرىش بولغان. ئاخىرى بۇلتۇر گۇرۇپپا تۆت ئەزا بولۇپ رەسمىي مۇقىملىشىپ سەنئەت ساھەسىگە قايتىپ كەلگەن.