جۇڭگو ئاخبارات تورى 29-مارت تېلېگراممىسى:
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 29-مارت، مىسىر ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، نۆۋەتتە ئايروپىلان بۇلاڭچىسىنىڭ تەلىپى بويىچە، يولۇچىلار ئايروپىلانى سىپرۇسنىڭ لارناكا (Larnaca) ئايرودرومغا قونغان. سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە، ئايروپىلان خادىملىرى ۋە تۆت چەت ئەللىكتىن باشقا، ئايروپىلاندىكى 56 نەپەر يولۇچىنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن. ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ سالاھىيىتىمۇ ئاشكارىلانغان.
ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئايروپىلان بۇلاڭچىسىنىڭ ئىسمى ئىبراھىم ساماھا بولۇپ، ئۇ ئەمدىلا سىپرۇس دائىرىلىرىگە ھۆكۈمەتتىن پاناھلىنىشنى تەلەپ قىلغان. بۇندىن بۇرۇن، ئۇ بەدىنىمگە پارتلاتقۇچ بەلباغ تېڭىۋالدىم، دەپ جار سالغان، لېكىن ئارقىدىن ئۇ ئايروپىلاندىكى كۆپ قىسىم يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندىن ئايرىلىشىغا رۇخسەت قىلغان. نۆۋەتتە، پەقەت ئايروپىلان خادىملىرى ۋە تۆت چەت ئەللىك تۇتۇپ قېلىنغان، ھالبۇكى سىپرۇس تېررورلۇققا قارشى قىسىمى لارناكا ئايرودرومىدىكى كىرىزىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىبراھىم ساماھا لىۋىيە پۇقراسى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن، يەنە بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىدە، بۇ ئەر 27 ياشلىق مىسىرلىق كىشى دېيىلگەن.
بۇلانغان يولۇچىلار ئايروپىلانى مىسىر ئاۋىياتسىيەسىگە تەۋە بولۇپ، MS181-قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلان ئىكەن، ئايروپىلان تىپى A320. بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەسلى پىلاندا ئىسكەندەرىيەدىن مىسىر پايتەختى قاھىرەگە قاراپ ئۇچقان ئىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا ئەنگىلىيە ئاسمان تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ ئېيتىشىچە،ئايروپىلان بۇلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن ئىسرائىلىيە ھەربىي تەرەپ كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنى ئاجرىتىپ، مۇداپىئەگە تەييارلىق قىلغان.