ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
ئاشكارىلانغاندىن كېيىن ئېلان قىلىنىپ، بازارغا سېلىنغۇچە، بىز ئېرىشكەن ئۇچۇر بولسا سامسۇڭ S7 ئىككى نۇسخا بولىدۇ، ئايرىم-ئايرىم سىنەپدراگون 820 مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچ ۋە سامسۇڭ Exynos 8890 مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن.
چەتئەلنىڭ ئىقتىدار باھالاش سۇپىسى سانلىق مەلۇماتىدىن قارىغاندا، يۇقىرى بايان قىلىنغان ئىككى نۇسخىدىن سىرت، سامسۇڭ S7 نىڭ يەنە ئۈچىنچى خىل نۇسخىسىمۇ بار، لىيەنفاكېنىڭ Helio X20 ۋە Helio X25 ئون يادرولۇق مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن.
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاشكارىلانغان سامسۇڭ S7 نىڭ تىپى SM-G930W8، نامىدىن قارىغاندا چوقۇم كانادا چىقىرىدىغان نۇسخا، ئەڭ چوڭ يارقىن نۇقتىسى بولسا لىيەنفاكېنىڭ MT6797 ۋە MT6797T مەركىزى بىر تەرەپ قىلغۇچى سەپلەنگەن، ئادەمنى ئازراق ھەيران قالدۇرىدۇ.
نۆۋەتتە لىيەنفاكې نۇسخىسىدىكى سامسۇڭ S7 نىڭ ئۇچۇرى يەنىلا چەكلىك، ئەمما يۇقىرى سەپلىمىلىك بازارغا ئاتلىنىشقا تىرىشىۋاتقان لىيەنفاكېغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ناۋادا راستىنلا سامسۇڭ S7 نىڭ ھەمكارلاشقۇچىسى بولسا شۈبھىسىزكى ئىنتايىن ياخشى بولىدۇ. بىراق، سامسۇڭنىڭ مەستانىلىرى لىيەنفاكې نۇسخىسىدىكى سامسۇڭ S7 گە قىزىقامدۇ؟