ۋاڭيى تورى خەۋىرى، :
ئىككى يىل ئىلگىرى سامسۇڭ ئېلان قىلغان Galaxy S5 مىنى نۇسخا، ئۈچ مۇداپىئە نۇسخىسى قاتارلىق كۆپ خىل نۇسخىغا ئىگە بولدى. ئالدىنقى يىلى پەيدا بولغان سامسۇڭ S6 مۇ ئىككى خىل ئوخشىمىغان نۇسخىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى. بۇ قائىدە بويىچە، سامسۇڭ بۇ يىل ئەمدىلا چىقارغان يېڭى بايراقدار Galaxy S7 مۇ مۇشۇنداق بولىدۇ. ھازىر سامسۇڭ S7 Active ئورگان تەرەپنىڭ جەزملەشتۈرىشىگە ئېرىشتى.
ئالدىنقى ھەپتە، ماتېرىيال ئاشكارىلىغۇچى evleaks سامسۇڭ S7 Active نىڭ ھىندىستاننىڭ ئىمپورت-ئېكىسپورت ئېغىزى تورى Zauba دا پەيدا بولغانلىقى، ھازىر سىناق قىلىنىۋاتقان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ھازىر سامسۇڭ بۇ يانفوننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى جەزملەشتۈردى. SamMobile نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئەڭ يېڭى سامسۇڭ Level ئەپىدە قوللايدىغان ئۈسكۈنە تىزىملىكى رەتكە تۇرغۇزۇلغان، سامسۇڭ Active مۇ رەتكە تۇرغۇزۇلغان، گەرچە كونكرېت ئىقتىدارى ۋە سەپلىمە ئۇچۇرى ئاشكارىلانمىغان بولسىمۇ، ئەمما سامسۇڭ S7 Active نىڭ راستىنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ھىندىستان تورى Zauba دىكى ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، سامسۇڭ S7 Active نىڭ تىپى SM-G891A. بىر نۇسخا ئۈچ مۇداپىئە نۇسخا بولۇش سۈپىتى بىلەن، سامسۇڭ S7 Active ئالدىنقى ئەۋلاد بىلەن ئوخشاش MIL-STD-810G ھەربىي ئىشلار دەرىجىلىك مۇداپىئە قىلىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ. قانداقلا بولمىسۇن نۆۋەتتىكى سامسۇڭ S7 سۇدىن، چاڭ-توزاندىن مۇداپىئەلىنىشنى قوللاپ بولدى. ئەپسۇسلىنارلىقى، كونكرېت سەپلىمە ئۇچۇرى بولمىغانلىقتىن، نۆۋەتتە سامسۇڭ S7 Active نىڭ باشقا ئىقتىدارىنى جەزىملەشتۈرۈشكە ئامالسىزمىز. تاساددىپىيلىق كۆرۈلمىسىلا، بۇ نۇسخا يانفوننىڭ سەپلىمىسى چوقۇم سامسۇڭ S7 بىلەن بىردەك بولىدۇ. ئەكىسچە ئۇدا ئىشلەش ئىقتىدارى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى مۇمكىن.