نۇر تورى مەخسۇس خەۋىرى :
2016 -يىلى 26-مارت (شەنبە) شىنجاڭ مىڭ تالانت مەدەنىيەت تاراتقۇ چەكلىك شىركىتى بىلەن ئۈرۈمچى تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى بىرلىكتە باشقۇرۇۋاتقان «جەمئىيەت ۋە قانۇن» پىروگراممىسىنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 13 يىللىقىنى، «بىز سەيياھ» پىروگراممىسىنىڭ رەسمىي يولغا قويۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن دىيار مەرىكە زالىدا «باھار جىلۋىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
پائالىيەتكە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سۈپەت-تېخنىكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساياھەت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسى، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شۇنداقلا ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى داڭلىق كارخانىچىلىرىمىز ۋە كارخانا ۋەكىللىرى ، ئاتاقلىق جامائەت ئەربابلىرى ھەم ھەر قايسى مەتبۇئات-تاراتقۇ ۋەكىللىرى ئالاھىدە قەدەم تەشرىپ قىلدى.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئالىيە خېلىل بىلەن مەدىنە رىياسەتچىلىك قىلدى.
95-يىلى خىزمەتكە كىرگەندىن بۇيان نۇرغۇن پىروگراممىلارنى پىلانلاپ، باش بولۇپ ئىشلەپ، رىياسەتچىلىكىنى قىلىپ ئاجايىپ شان-شەرەپلەرنى قۇچقان، جەمئىيەتتىكى تەسىرى كۈچلۈك بولغان پىروگراممىلارنى ئىشلەۋاتقان ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى «جەمئىيەت ۋە قانۇن» پىروگراممىسىنىڭ دىكتورى ئەنۋەر ئەپەندىم بۈگۈنكى تويى بولۇۋاتقان ئىككى پىروگراممىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى چۈشەندۈرۈپ سۆز قىلدى.
ئارقىدىنلا ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ باشلىقى كامىل ئىبراھىم ئەپەندى، شىنجاڭ مىڭ تالانت مەدەنىيەت-تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ئادىلجان ئەپەندىلەر سۆز قىلدى.
شىنجاڭ مىڭ تالانت مەدەنىيەت-تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىنىڭ دىرېكتورى ئادىل شېرىپى مۇنداق دېدى:« شىركىتىمىز 2009-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ھازىرغىچە ئىزچىل «جەمئىيەت ۋە قانۇن» پىروگراممىسىنى ئۆزىمىز مۇستەقىل ئىشلەپ، ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئارقىلىق كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈپ كېلىۋاتىمىز،بۇ جەرياندا قانۇن سىستېمىسىدىكى بارلىق قانۇن تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىپ كەلدۇق ھەمدە بۇ پىروگرامما قويۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل كۆرۈرمەنلەرنىڭ ياخشى باھاسىغا شۇنداقلا قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ كېلىۋاتىدۇ ، 2015-يىلى ئۆزىمىزنىڭ مىللىي مەدەنىيىتى، تائام مەدەنىيىتى شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك ۋە تارىخ مەدەنىيىتىدىن ئىبارەت بىر قاتار مەدەنىيەت قاتلىمىمىزنى تونۇشتۇرىدىغان «بىز سەيياھ» پىروگراممىسىنى يولغا قويدۇق، ھازىرغىچە شىركىتىمىز ئىزچىل تۈردە ئىختىساسلىق ۋە تالانتلىقلارنى يىغىپ مەدەنىيەت-تاراتقۇ ساھەسى ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانىمىز بولسا، مىڭ تالانت مەدەنىيەت-تاراتقۇ چەكلىك شىركىتىمىزنى كەڭ خەلق ئاممىسىغا كۆپلەپ تەشۋىق قىلىش ۋە شىركىتىمىز ئارقىلىق تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى، رادىيو، تور پىروگراممىلىرىنى ئۈزلۈكسىز كۆپەيتىپ، كەڭ كۆلەملەشتۈرۈپ كۆرۈرمەنلەرگە تېخىمۇ ئىستېتىك زوق بېغىشلاش مەقسىتىمىز بار.»
جەمئىيىتىمىزنىڭ تەرەققىي قىلىشى بىلەن ئاكتىپ ئېنېرگىيە تارقىتىپ بىر-بىرىنى قوللاپ قۇۋۋەتلەيدىغان كىشىلىرىمىزمۇ كۈنسايىن كۆپىيىۋاتىدۇ، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن «جەمئىيەت ۋە قانۇن» ۋە «بىز سەيياھ» پىروگراممىلىرىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان ھەر قايسى كارخانىچىلارغا سوۋغات تارقىتىلدى.