جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى، :
چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ يەر ۋاقتى 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، مىسىر ئاۋىياتسىيىسىنىڭ بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان بولۇپ، ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى نۆۋەتتە سىپرۇستىكى لارناكا خەلقئارا ئايرودرومىغا قونغان. سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق، نۆۋەتتە مەزكۇر ئايروپىلاندىكى ئايروپىلان خادىملىرى ۋە تۆت چەتئەللىكتىن باشقا، 56 يولۇچىنىڭ ھەممىسى قويۇپ بېرىلگەن.
ئىلگىرىكى ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇلاڭچىلىققا ئۇچرىغان بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى مىسىر ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئايروپىلانى بولۇپ، نۆۋەتچى نومۇرى MS181 بولغان A320 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى ئىكەن. بۇ يولۇچىلار ئايروپىلانى ئەسلىدە ئىسكەندەرىيە پورتىدىن مىسىر پايتەختى قاھىرەگە قاراپ ئۇچقان ئىكەن.
نۆۋەتتە سىپرۇس دائىرلىرى ئايروپىلان بۇلىغۇچى بىلەن سۆھبەتلىشىۋاتقان بولۇپ، ئايروپىلان بۇلىغۇچى ئۆزىنىڭ بەدىنىگە پارتلاتقۇچ بومبا تېڭىلغانلىقىنى ئېيتىپ، ئايروپىلاننى پارتلىتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان. لېكىن ھازىرچە ئايروپىلان بۇلىغۇچىنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تەلىپى ئاشكارىلانمىغان.