خەلقئارا لىنىيەسى خەۋىرى: ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 28-مارتتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئالياسكا شتاتى ئالۇشېن تاقىم ئاراللىرىدىكى پاۋلوف يانارتېغى 27-مارت پارتلاپ، قويۇق تۇمان 6000 نەچچە مېتىر ئېگىزلىككە ئۆرلەپ چىققان. بىر يولۇچى ئايروپىلاندىن دەل شۇ يانارتاغ پارتلاپ قويۇق ئىس-تۈتەكلەر ئۆرلەۋاتقان مەنزىرىنى سۈرەتكە تارتىۋالغان.
بۇ يولۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ئالۇشېن تاقام ئاراللىرىدىكى پاۋلوف يانارتېغىدىن يانارتاغ كۈلى ئېتىلىپ چىقىشقا باشلىغانلىقىنى، ئۇچقۇچىنىڭ ئايروپىلاننى يانارتاغقا يېقىنراق جايدىن ھەيدەپ ئۆتۈپ، يولۇچىلارغا يانارتاغ مەنزىرىسىدىن ھۇزۇرلاندۇرماقچى بولغانلىقىنى ئاڭلىغان.
ئامېرىكا گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى پاۋلوف يانارتېغىنىڭ پارتلىغانلىق خەۋىرىنى دەلىللىگەن. بۇ يانارتاغ ئانكورېجنىڭ غەربىي جەنۇبىدىن 900 كىلومېتىرلىق ئورۇنغا جايلاشقان بولۇپ، يانارتاغنىڭ پارتلىشى نەتىجىسىدە يەر تەۋرەپ كەتكەن. گېئولوگىيەلىك چارلاش ئىدارىسى يانارتاغ پارتلاش جىددىي ئاگاھلاندۇرۇش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە كۆتۈرۈلگەن.