2016-يىلى 27-مارت كەچ سائەت 10 دا، نەنجىڭدىكى جيەننىڭ يولى 65- نومۇر ئەتراپىدىكى ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىدا، بىر توكسىكلىت مىنگەن ئوتتۇرا ياشلىق ئەر يەرگە يىقىلىپ كەتكەن بولۇپ، توختىماي قان ئاققان، 120 قۇتقۇزۇش ماشىنىسى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، ئەرنى چاڭجېڭ دوختۇرخانىسىغا ئاپىرىپ جىددىي قۇتقۇزغان.
مۇخبىر نەق مەيدانغا يېتىپ بارغاندا، ئۇ ئەر ئەمدىلا 120 قۇتقۇزۇش ماشىنىسىغا سېلىنىپ دوختۇرخانىغا ئېلىپ كېتىلگەن. قاتناش ساقچىلىرى 6-چوڭ ئەترىتىنىڭ قاتناش ساقچىلىرى نەق مەيدانغا كېلىپ ئەھۋال ئىگىلىگەن، نەق مەيداندىكى كۆرگۈچىلەرنىڭ سۆزلەپ بېرىشىچە، بۇ ئەر توكسىكلىتقا مىنىپ غەربتىن شەرققە قاراپ ماڭغان بولۇپ، ھېچكىم ئۇنىڭ بىلەن سوقۇلۇپ كەتمىگەن، پەقەت ئۆزى تۇيۇقسىز دەلدەڭشىپ كېلىپ يول بويىدىكى بىر ستولبىغا ئۈسسۈۋېلىپ، ئاندىن يەرگە يىقىلىپ چۈشكەن.
نەق مەيداندىكى، ئاستا سۈرئەتلىك قاتناش ۋاسىتىلىرى يولىدا بىر قىزىل رەڭلىك توكسىكلىت يىقىلىپ كەتكەن بولۇپ، توكسىكلىتنىڭ ئالدى تەرىپى بۇزۇلغان، توكسىكلىت ئۈستىدىكى نەرسىلەر يەرگە چېچىلىپ كەتكەن. يەردە قان دېغى بار بولۇپ، نەق مەيداندىكىلەر ئەرنىڭ بەدىنىدە ھاراق پۇرىقى بارلىقىنى بايقىغان.
چاڭجېڭ دوختۇرخانىسى جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىدىكى دوختۇرلار بۇ ئەرگە نىسبەتەن قۇتقۇزۇش ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالالمىغان، بۇ ئەرنىڭ دوستلىرى دوختۇرخانىغا يېتىپ كېلىپ، ئۇنىڭ ساۋاقداشلار يىغىلىشىدا قىزىل ھاراق ئىچكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىگىلىنىشىچە، ئەرنىڭ فامىلىسى جى بولۇپ، بۇ يىل 37 ياش ئىكەن.