سوخۇ تەنتەربىيەسى خەۋىرى، :
2016-يىلى 29-مارت، ئۈرۈمچى ۋاقتى 5:30 دە 2015-2016-پەسىللىك NBA بىرلەشمىسىنىڭ بىر مەيدان مۇسابىقىسىدە، جاز كوماندىسى ئۆز مەيدانىدا 75-123 نومۇر بىلەن كۆل ئادىمى كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە كوبىنىڭ ئىپادىسىمۇ ئادەتتىكىچە بولدى. ئۇ پۈتۈن مۇسابىقە جەريانىدا گارغا 11 قېتىم توپ ئاتقان بولسىمۇ پەقەت بىر قېتىملا گارغا چۈشتى. نەتىجىدە 48 نومۇر پەرقتە مەغلۇپ بولۇش كۆل ئادىمى كوماندىسى تارىخىدا يەنە بىر قېتىم تەكرارلاندى. 2014-پەسىللىك مۇسابىقىدە، كۆل ئادىمى كوماندىسى كاتېر كوماندىسى بىلەن بولغان مۇسابىقىدىمۇ 48 نومۇرلۇق چوڭ پەرقتە مەغلۇپ بولغان ئىدى.