2016-يىلى 28-مارت كەچ، شاڭخەي دېسنىي باغچىسىدا تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە پوجاڭزا ئاتتى. كەچ سائەت 9 دا، ھەرخىل رەڭلىك پوجاڭزىلار كىشىلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، يورۇق نۇر چىقىرىپ ئاسمانغا كۆتۈرۈلگەن. كېيىنكى يىگىرمە يەتتە مىنۇت ئىچىدە، ھەر خىل شەكىلدىكى 10 گۇرۇپپا پوجاڭزا ھاۋا بوشلۇقىدا تەرتىپ بويىچە پورەكلەپ ئېچىلىپ، مىڭلىغان پوجاڭزا بىراقلا ئېتىلىپ چىققان ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈش نامەيەن بولغان، دېسنىي قەلئەسى بۇ قويۇق ئىس-تۈتەك ئاستىدا ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان.