2016-يىلى 28-مارت سائەت 13 لەردە، چاڭچۈن كوچىلىرىدىكى نۇرغۇن شەھەر ئاھالىلىرى بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئۈچۈن، ماسكا تاقىۋالغان ۋە بېشىغا ياغلىق ئارتىۋالغان. بۇ قېتىمقى بوراندا چاڭچۈن شەھىرىنىڭ ھاۋا بۇلغىمىلىرى تارقىلىپ كەتمەستىن، ئەكسىچە بىر مەيدان ئېغىر دەرىجىدە بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 28-مارت، چاڭچۈندە، بۇ يىل ئەتىياز كىرگەندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق قۇم-بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلگەن. چاڭچۈن شەھىرىنىڭ ھاۋا سۈپىتىمۇ سەھەردىكى ياخشى ھالەتتىن، قىسقىغىنا تۆت سائەت ئىچىدىلا ئېغىر دەرىجىدىكى بۇلغىنىش ھالىتىگە ئۆزگەرگەن.