28-مارت، بورتالاغا بارىدىغان يولۇچىلار ۋۇخەن تيەنخې ئايرودۇرۇمىدا بېلەت تەكشۈرتمەكتە. شۇ كۈنى، جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى ۋۇخەندىن شىنجاڭ بورتالاغا بارىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچتى، بۇ لىنىيەدە ھەر دۈشەنبە كۈنى بىر نۆۋەت بېرىپ-كېلىش ئايروپىلانى قاتنايدىغان بولۇپ، نۆۋەتچى ئايروپىلان يەككە مۇساپىدە ئالتە سائەتلەر ئەتراپىدا ئۇچىدۇ.
مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى